خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، قىرغىزىستاننىڭ «سۆز گېزىتى» ۋە «قەبەر» دۆلەت ئاگېنتلىقىدا «مەن جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك–باراقسان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.
مەن جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك–باراقسان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
6- ئايدا تيانشان تېغىنىڭ گۈللىرى رەڭگارەڭ ئېچىلىپ، گۈل-گىيالار ياپيېشىل تۈس ئالىدۇ. مۇشۇ گۈزەل پەسىلدە، زۇڭتۇڭ ژېئېن بېكوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن قىرغىزىستاندا 2-قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشماقچى بولىۋاتىمەن. ئالتە يىل ئىلگىرى، مەن تۇنجى قېتىم گۈزەل قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغاندا، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرلىشىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئىدۇق. ئالتە يىلدىن كېيىن، مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرمەكتىمەن. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى خۇددى ياز پەسلىدىكى تاغ-دەريالار ۋە يايلاقلارغا ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالەتتە تۇرماقتا.
جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت خەلقى بىر-بىرىگە قوشنا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلغاندا، ئەگرى-بۈگرى يوللار بىلەن قەدىمكى يىپەك يولىدىكى سۇياب قەدىمىي شەھىرىنى كېسىپ ئۆتكەن. شۇ ئارىدىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىرغىزلارمۇ مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بېرىپ، نەپىس يىپەك ۋە فارفور بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە سەمىمىي ۋە دوستانە بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇققا ئېرىشكەن. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ شائىر لى بەينىڭ گۈزەل شېئىرلىرىنى ئىككى دۆلەتتىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئۇ كەڭ تارقالغان. 2000 نەچچە يىللىق تارىخ جۇغلانمىسى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ياراتتى.
دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت بوران-چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ ۋە ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
(تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى