شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوف بەرگەن «ماناس» بىرىنچى دەرىجىرىلىك ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

2019.06.14 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇن بېشكەكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوف بەرگەن «ماناس» 1-دەرىجىلىك ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى.

  مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى ئالا ئارچا دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستان تەرەپ ئېلانچىسى زۇڭتۇڭ پەرمانىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ژېنبېكوف شى جىنپىڭغا «ماناس» 1-دەرىجىلىك ئوردېنى بەردى. «ماناس» ئوردېنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتى بولۇپ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بېرىدۇ، ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى بىرىنچى دەرىجە.

  ژېنبېكوف شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەيدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ