مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېڭە تىقىلمىسىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

2019.06.06 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خېبېيلىق ئوقۇرمەن ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق سورىدى: مەن بۇ يىل 71 ياشقا كىردىم، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىم بار، ئىككى كۈن بۇرۇن، بىللە شاھمات ئوينايدىغان بىر بوۋاي مېڭە تىقىلمىسى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، مەن ئۆزۈمدىمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. سوراپ باقسام، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

  راكېتا ئارمىيەسى ئۆزگىچە مېدىتسىنا مەركىزى يۈرەك قان تومۇر، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور جياڭ ۋېيجيەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مېڭە تىقىلمىسى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا زور تەھدىت سالىدۇ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى چۈشىنىش كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاش، داۋالاشقا پايدىلىق، ئادەتتە مېڭە تىقىلمىسىنىڭ تۆۋەندىكى يەتتە چوڭ ئالامەتلىرى بار.

  بىرىنچى، باش قاتتىق ئاغرىش. كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرى قايتا-قايتا باش ئاغرىش، باش قېيىش كۆرۈلىدۇ، تۇيۇقسىز باش قېيىۋاتقانلىقىنى، كۆرۈنگەن جىسىم ئايلىنىۋاتقاندەك سېزىم بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ؛

  ئىككىنچى، بەدەننىڭ يېرىمى «گەپ ئاڭلىماسلىق». يەككە مۈچە ياكى بىر تەرەپتىكى مۈچە ئىشلىمەيدۇ، يۇقىرىقى مۈچە تۆۋەنكى مۈچىدىن ئېغىر ياكى ئەكسىچە بولۇپ، يۇتۇش قىيىن بولۇش، سۆزى ئېنىق بولماسلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ناھايىتى تېزلا ھوشىدىن كېتىدۇ؛

  ئۈچىنچى، تىل يىلتىزى قېتىشىش. تۇيۇقسىز تىل تۈۋى قېتىپ قېلىش، تىلى يوغىناش، يۇتۇش قىيىن بولۇش، گەپ قىلىش ئېنىق بولماسلىق؛

  تۆتىنچى، تۇيۇقسىز يىقىلىپ كېتىش. مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇت-قول ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش سەۋەبلىك، ئاسانلا يىقىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەرگىزمۇ بۇنى پەقەتلا «ئېھتىياتسىزلىق»، «مەزمۇت ماڭالماسلىق» دەپ ئويلاپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك.

  بەشىنچى، تۇتۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش. بىر تەرەپتىكى قول تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىپ، قولىدا تۇتۇپ تۇرغان نەرسە يەرگە چۈشۈپ كېتىش، مەسىلەن ساقال ئېلىۋاتقاندا باشنى بىر تەرەپكە بۇرىغاندا، بىلەك تۇيۇقسىز تۇتۇش كۈچىنى يوقىتىپ، ساقال ئالغۇچ يەرگە چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلار.

  ئالتىنچى، مىجەزى ئۆزگىرىش. تىل ۋە روھىي ئۆزگىرىشمۇ مېڭە تىقىلمىسىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش قىيىن بولۇش، خەت يېزىش قىيىن بولۇش ۋە مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىش، مەسىلەن مىجەزى چۇس بولۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدە مىجەزى چۇس ئادەم كەم سۆز بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار؛

  يەتتىنچى، ئۇيقۇسى كېلىپلا تۇرۇش. بىمار دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، دائىم ئۇخلىغۇسى كېلىدۇ، مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئارتېرىيە بوشلۇقى تارىيىدۇ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشىدۇ، تەخمىنەن %80 ئادەم دائىم قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بەش-ئون كۈن بۇرۇن پات- پاتلا ئەسنەيدۇ.

  ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ