خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوزغىغان ھەمدە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈۋاتقان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى بىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەيدان زور سىناق. ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان، ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدىغان بۇ خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرماقتا، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، زومىگەرلىككە باش ئەگمەيدىغان جاسارەت ۋە كۈچنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئاساسىي ئېقىمى.
ھالبۇكى، يەنە بەزى «سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەق-ناھەقنى ئايرىماي ئامېرىكىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگونى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىغا چوقۇنۇش، ئامېرىكىغا كۈچۈكلىنىش، ئامېرىكىدىن قورقۇش سەپسەتىلىرىنى تارقىتىپ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەر قانداق ئىشتا ئامېرىكىنىڭكىنى چوڭ بىلىش، ئامېرىكىنى ھۆرمەتلەيدىغان بۇنداق «ئامېرىكىنى پەردازلايدىغان» خۇشامەتچىلىككە نىسبەتەن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. ئېنىقلا ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى ئېلىش كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، ھەممىلا يەردە سودا ئۇرۇشى قوزغاپ، خەلقئارا قائىدىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى؛ ئامېرىكا تەرەپ يولسىزلىق قىلىپ، گېپىدە تۇرماي، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى؛ ئامېرىكا تەرەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشى ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەنلىكى ئېنىق. بەزىلەر بۇ پاكىتلارنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىگە قوشۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ زۇلۇم قىلىشى «بىز ئۈچۈن ياخشى» دېدى. بەزىلەر قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، «تېخنىكىسى كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشقا مۇناسىپ» دەپ قارىدى؛ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، «خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىدى. يەنە بەزىلەر «ئەقلىي»، «ئەمەلىيەتچىل» دېگەن بايراقلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەققانىي ساداسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى «نارودنىكلىق»، «ھازىرقى زاماندىكى يىخېتۇەن» دەپ قارىلىدى. بۇنداق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھەق- ناھەقنى ئايرىماسلىقلارنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئادەم خىجىل بولىدۇ. ئەگەر سەپسەتىلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويۇلسا، كۆز بويامچىلىق قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ ۋە كۈرەش ئىرادىسى بوشاپ، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما قىلالمىغان سەلبىي رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداق خاتا سۆزلەرگە قارىتا بىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس بىزنىڭ ئىرادىمىزنى سىنىماقتا. ھەم ئۆزىنىمىزنى چوڭ تۇتماسلىقىمىز، ھەم ئۆزىمىزنى تۆۋەن چاغلىماسلىقىمىز، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، مۇلايىم، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يارىتىپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىشىمىز لازىم، شۇنداق بولغاندىلا، ھەرقانداق توسالغۇ جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ