شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.06.14 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- چېسلا بېشكەكتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە جۇڭگو - قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ۋە مۇستەھكەم مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يولغا قويغان ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى قوللايدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ مۇشۇنداق دوستلۇقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ساقلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرسەكلا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىش يولى بارغانسېرى داۋاملىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولۇپ قالدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئېچىشى كېرەك. ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ يېشىل ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى خالايدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىچىملىك سۇ، يول ۋە دوختۇرخانا قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ۋە يەرلىك ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ