مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە ماس كېلىدىغان بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پورتنىڭ سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش قارار قىلىندى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى

2019.06.13 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىندا ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە ماس كېلىدىغان بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پورتنىڭ سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش قارار قىلىندى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىناۋەت __ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي ئاساسى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە قەتئىي بوشاشماي، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چوقۇم جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ياخشى باشقۇرغاندىلا ئاندىن قويۇۋېتىشكە بولىدۇ. ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش __ ئاساس، بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، بۇنىڭدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، بازار سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىرىنچىدىن، بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى بەلگە قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە نوپۇزلۇق، بىرلىككە كەلگەن، سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىنى تۇرغۇزۇش ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆزئارا ھەمبەھرىلەپ، تارماقلارنىڭ مونوپوللۇقى ۋە ئۇچۇرنىڭ «يېگانە ئارىلى»نى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئۇچۇرلاردىن بازار سۇبيېكتىنىڭ تەكرار تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئىناۋەت ۋەدە تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىغا نىسبەتەن، ئىلتىماس قىلغۇچى تەستىقلاش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قارالسا ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرغان بولسا، دەرھال بېجىرىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاشتەك بۇ «شەمشەر»نى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت «قارا تىزىملىكى»نى بېكىتىش ۋە تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ، ساھە، تارماق ھالقىغان بىرلەشمە تەنبىھ بېرىشنى كۈچەيتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قەتئىي جازالاش، ھەتتا بازاردىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. «قوش ئىختىيارىي بولۇش، بىر ئاشكارا بولۇش»قا بىرلەشتۈرۈپ، كىرېدىتنى دەرىجە بويىچە تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تۈرگە ئايرىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە قېتىم سانىنى بېكىتىش كېرەك. «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئەسكەرتىپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ۋاقتىدا، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىناۋەت ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى قاتتىق قوغداپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاشكارىلاپ قويۇش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ