مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كىتاب ئوقۇغاندىن تور چولپىنى بولغان ياخشى»مۇ؟

2019.06.11 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 80- ، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسام بولارمۇ ياكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسام بولارمۇ» دەيدىغان باش قېتىنچىلىقىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۈگۈنكى كۈندە، 95-، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ياخشى ئوقۇش ياكى تور چولپىنى بولۇشنى تاللاشتىن ئىبارەت بىر يېڭى مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇلتۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ھەققىدە رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ئىشلىگەن، بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 95- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە %54 كىشى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ دەل تور دىكتورى ۋە تور چولپىنى بولۇش ئىكەن. دوۋيىن، دوۋيۈ، B بېكەت، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن قىسقا سىن ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئادەتتىكى كىشىلەرنى بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، «ئەگەر تور چولپىنى بولسا ئاسانلا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، نېمىشقا يەنە ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىتاب ئوقۇيمىز؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى.

  «نام چىقىرىش بالدۇر بولۇشى كېرەك، پۇل تېپىشتىمۇ بالدۇر بولۇش كېرەك»، دەيدىغان گەپ بار، ھەر بىر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان مودا شامال ئېغىزى بولىدۇ، ياشلار ئومۇميۈزلۈك شامال ئېغىزىنى قوغلىشىشنى، پۇل تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ مەلۇم بىر خىل «ئىنسان تەبىئىتى» بولۇپ، ئەسلىدە ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە تور دىكتورى ۋە تور چولپىنىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كەسىپ 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئەڭ تەلپۈنىدىغان، ئېتىبارلىق ھەم ئاسان پۇل تاپىدىغان كەسىپ بولۇپ قالغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپكە ئىنتىلمىگۈدەك؟ بىراق، بىر قىسىم كىشىلەر تور چولپىنى بولۇش بىلەن كىتاب ئوقۇشنى زىددىيەتلەشتۈرمەكتە، ھەتتا «كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەپ قارىماقتا. بۇنداق قاراش ئەمەلىيەتتە قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتنى ئومۇمىيلىققا ئايلاندۇرۇپ، پۇلنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ھەددىدىن زىيادە تەرغىب قىلغان، پۇل تېپىشنى تەرغىپ قىلىپ، كىتاب ئوقۇشقا سەل قارايدىغان بولۇپ، باشقىلارنى خاتا يولغا ئازدۇرۇشتۇر.

  «ئايلىق كىرىمى مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەيدۇ، ئىككى-ئۈچ يىلدا بىر داچا سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن بۇ گەپلەر بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ تەشۋىقات ماھارىتى، شۇنداقلا نۇرغۇن تور دىكتورلىرى، تور چولپانلىرىنىڭ ئارزۇسى. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بەزى تور دىكتورلىرى، تور چولپانلىرى بار، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىر كېچىدىلا نام چىقارغان، ئايلىق كىرىمى نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان، لېكىن بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىنتايىن ئاز ساندىكى بولۇپ، ھەرگىزمۇ تور دىكتورلىرى، تور چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى كۆپ پۇل تاپالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تور ئېقىم مىقدارى مەركەزلىشىش ئېففېكتىغا ئىگە بولغاچقا، تور دىكتورلىرى، تور چولپانلىرىنىڭ باش قىسمى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېقىم مىقدارى ۋە بايلىق ھەمدە كىرىمنى ئىگىلىگەن، باشقىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، باش كۆتۈرۈپ چىقالىشى ئىنتايىن تەس.

  تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %80 تور دىكتورىنىڭ ھەممىسى كىچىك دىكتور بولۇپ، كىرىمى چىقىمىنى قاپلىيالمايدىكەن؛ %15 تور دىكتورى ئېقىم كىرىدىغان دىكتور بولۇپ، كىرىمى ئاق ياقىلىقلار ئىش ھەققى قاتلىمىنىڭ كىرىمىگە باراۋەر كېلىدىكەن، لېكىن مۇقىم ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تور دىكتورى، تور چولپانلىرىمۇ باشقا نۇرغۇن كەسىپلەرگە ئوخشاش «ئىككىدە سەككىز قانۇنى»، ھەتتا «بىردە توققۇز قانۇنى» بار، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئېھرامنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتنى كۆرگەندىن كېيىن، 95- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان قانچىلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ تور دىكتورى، تور چولپىنى بولسا چوقۇم كارامىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئېھرامنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىغا چىقالايدىغانلىقى ھەققىدە مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقالايدۇ؟

  ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش كىتاب ئوقۇش، مەكتەپتە ئوقۇش، خىزمەت قىلىش قارىماققا ئىنتايىن ئۆلۈك، ئۆز يولى بويىچە ئىشلەشتەك كۆرۈنىدۇ، كىرىمىنىڭ كۆپ بولۇشى ناتايىن، لېكىن خەۋپ- خەتەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىسبەتەن ئاسان، شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، «كىتاب ئوقۇش تور چولپىنى بولۇشقا يەتمەيدۇ» دېگەن بىر ساختا ھۆكۈم، ئەگەر راستىنلا ئويلانماي، ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك كارامىتى بارلىقىنى ئۆلچىمەي تۇرۇپ، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىدىغان «تور چولپىنى» بولۇش يولىنى تاللىسا، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ھەربىر ئەۋلاد ئاساسەن دېگۈدەك «كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق نەزەرىيەسى»نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەنئەنىۋى يولدا ماڭماي، بەلكى شەخسنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ماھارىتى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، لېكىن بۇ خىل مىسال ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، دائىملىق تەقلىد قىلىش قىممىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ھەمىشە كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆزىنى «كىتاب ئوقۇپ باقمىغان» دەپ ماختىمايدۇ، ئەكسىچە كۆپىنچىسى كىتابنى ئاز ئوقۇغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بىلىم ئىگىلىكىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ساھەلەر تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولماقتا، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلار ئادەتتە بىرقەدەر يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، بىلىمنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، كىتاب ئوقۇش كېرەكسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. كەلگۈسى جەمئىيەتتە «ساۋاتسىزلىق» ھەرگىزمۇ خەت تونۇماسلىق، كىتاب ئوقۇماسلىق بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى كىتابنى بەك ئاز ئوقۇش، بىلىم ئىگىلەش يېتەرلىك بولماسلىق، داۋاملىق ئۆگىنىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا، «كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق»، «كىتاب ئوقۇغاندىن تور چولپىنى بولغان ياخشى» دېگەندەك قۇرۇق گەپ ساتسا تېخىمۇ كۈلكىگە قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ