مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ»

خەلق گېزىتىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لىن رۈي

2019.05.31 10:46 مەنبە: خەلق تورى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېما يىغىنى يېقىندا تايلاند باڭكوكتىكى ب د ت ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كومىتېتى (تۆۋەندە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كومىتېتى دېيىلىدۇ)نىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو، تايلاند، قازاقىستان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كاتىبات باشقارمىسى ۋە تايلاند 7-ئەۋلاد خان شۆيۈەنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 150 نەچچە ۋەكىل قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇردى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پۇرسەت ۋە گۈللىنىش يولى دەپ قاراپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىدىيەسى ۋە تەدبىرىنى قوللىدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ توپلايمىز. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاتالمىش مەلۇم بىر دۆلەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە نۆل يىغىندىلىق قورشاۋ شاھمات ئويناشقا بولمايدۇ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئاساسىغا قۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  موڭغۇلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋگېت باتۇر تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ھەمدە موڭغۇلىيەنى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، موڭغۇلىيەنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رايون ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پائال تۆھپە قوشۇپ، ب د ت نىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

  قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى تېلېئۇبېرج مۇنداق دېدى: دۇنيا ئۆزئارا توقۇنۇشىدىغان جۇغراپىيەلىك سىياسەتتىن بىزار بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر رايونلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ. قازاقىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، دۇنيا بازىرى بىلەن ئايرىۋېتىلىش، چەكلىك خەلقئارا سودا ئىجازىتى بىزنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق توسالغۇمىز. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قازاقىستان بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرىدۇ.

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئالىسشابانا خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كومىتېتى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئارزۇسى ھەرىكەتكە كەلدى. بۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كومىتېتى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، بۇ، ئىككى تەرەپ قولغا كەلتۈرگەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بىرى. «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ