خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 5-ئىيۇن موسكۋادا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى.
باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇھىتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشقا بەل باغلىدى.
جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆز جۇغراپىيەلىك سىياسىيسى، ھەتتا سودا مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھازىرقى ھەربىي كونترول قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى كېڭەيتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى ئىنتايىن خەتەرلىك.
جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.
جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى شەرتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىلگىرىكىدەكلا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىر تەرەپلىك جازاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى.
جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى بىرىكمە كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەربىي كونترول قىلىش ساھەسىدىكى خەلقئارا مېخانىزم سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداش، مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ھەربىي كونترول قىلىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇۋاپىق باھا بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى