مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شوخ مۇزىكىنى ئاڭلاپ بەرسە چىدامچانلىق ئاشىدۇ

2019.05.28 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تىڭشىغۇچ تاقاپ مۇزىكا ئاڭلايدۇ. بىراق يېقىندا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، چېنىققاندا شوخ مۇزىكىلارنى ئاڭلاش ئادەمنىڭ چىدامچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار سىناق ئوبيېكتلىرىنى يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يۇقىرى سىجىللىقتا يۈگۈرۈتۈپ سىناق ئېلىپ بارغان. ئوتتۇرىچە يېشى 53 ياشتىكى 127 كىشى سىناققا قاتناشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمى تىڭشىغۇچ تاقاپ، شوخ مۇزىكا ئاڭلىغاچ يۈگۈرگەن، قالغان يېرىمى مۇزىكا ئاڭلىمىغان. ئۆلچەش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش سۈرئەت ئاستىدا، مۇزىكا ئاڭلىغانلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا 8 مىنۇت 30 سېكۇنت يۈگۈرەلىگەن، بۇ، مۇزىكا ئاڭلىمىغانلاردىن بىر مىنۇتقا يېقىن ئارتۇق بولغان.

  تەتقىقاتچىلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇزىكىدا بىر خىل كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش ئامىلى بولۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭىدە راھەتلەندۈرۈش خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كىشىلەر مۇزىكا ئاڭلىغاچ چېنىقىشنىڭ ياخشى ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە سېزىمىدىن ئىزچىل ھېس قىلىپ كەلگەن، بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇنىڭ ھەقىقەتەن چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي دەلىللەش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرگە ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق مۇۋاپىق دەرىجىدە چېنىقىشنى ياكى 75 مىنۇت يۈگۈرۈش قاتارلىق بىر قەدەر يۇقىرى سىجىللىقتىكى چېنىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىراق، خېلى بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرىقى چېنىقىش تەلىپىگە يېتەلمەيدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇزىكىنىڭ ئادەمنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، كېلەر قېتىم چېنىققاندا ئەگەر ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، مۇزىكا ئاڭلاپ سىناپ بېقىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ