مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنى دۇنيا ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.06.06 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنى دۇنيا ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 5-ئىيۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى بار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنىلا مۇھىت بۇلغىنىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئازىيىش قاتارلىق كەسكىن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. دۇنياۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە موھتاج.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان مۇھىم ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، 2030-يىللىق قارالمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانلار ياشاۋاتقان يەر شارى ماكانىنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ