خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىنسانلارنىڭ ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. «نىزام»دا 1998-يىلى تۈزۈلگەن «ئىنسانلارنىڭ ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى يولغا قويۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىمىزنىڭ ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ