شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.06.06 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئىيۇن موسكۋادىكى كرېمل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مەن ئۇدا دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇم، شۇنداقلا 2013- يىلىدىن بۇيان رۇسىيەگە 8-قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم. نۆۋەتتە، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش مۇستەھكەم بولماقتا؛ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىنىپ، مەنپەئەت ئالاقىسى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا؛ خەلقئارا ئىشلار ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ