مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك

خەلق گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى

2019.05.29 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر گەپنىڭ تىغ ئۇچىنى ئىمتىھان ئۈچۈنلا مائارىپ يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىگە قارىتىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما، ئىمتىھان ئۈچۈنلا مائارىپ يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرگىزمۇ ھە دېگەندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭدا، ماھىيەتتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقتىدا تۈزەش تىرىشچانلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىشى ھازىر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشتا مۇھىمى مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشكە بولىدىغان ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئۇزاققىچە تۆھپە كۆرسىتىشتە. پەقەت شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بۇ ئىشتىن چوقۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  ئەگەر مۇشۇ ئىككى يىللىق ئاساسىي مائارىپنى ئېدىتلاپ كۆرسەك، «يۈكنى يېنىكلىتىش»دېگەن بۇ سۆز مۇتلەق ھالدا يۇقىرى چاستوتىلىق سۆز ھېسابلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھازىر بىر كونا تېما بولۇپ قالدى. بۇلتۇر 2- ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشكە دائىر بىر قانچە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقاتتى؛ بۇلتۇر 8- ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر جايلارنىڭ مۇشۇ ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ قالدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن جەمئىي 401 مىڭ 50ى رەتكە تۇرغۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەسىلە ساقلانغان ئاپپاراتلىرىدىن 272 مىڭ 842ى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن 269 مىڭ 911ىغا تۈزەش قىلغان، تۈزەش نىسبىتى %98.93كە يەتكەن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەيلى ئىككى باشلامچى تەربىيەلەش كارخانىسىنىڭ «بازارغا قارشى ئۆرلىشى» بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى «ئاق تىزىملىك»كە چىققان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەقنى ئۆستۈرۈشى بولسۇن، ئۇلار كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويدى، بەزىلەردە ھەتتا «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش ئامالسىز بولۇپ قالدى.» دېگەن ئوي پەيدا بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل ئەھۋال قارىماققا غەلىتە كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ھاجەتسىز.

  ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىپ كىتىشى مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەگىشىپ كەلگەن بىر خىل ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مىڭ تەسلىكتە ئازراق نەتىجە قازىنىلغان چاغدا، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بۇ نەتىجىدىن پايدىلانغانلا بىر ئىش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى جەزمەن نۇرغۇن ۋاقىت تەننەرخى ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخنى سەرپ قىلىدۇ. مائارىپقا مەسئۇل نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر ئەگەر ئىمتىھان ئۈچۈنلا مائارىپ يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئەنئەنىۋى تۈزۈلمە ئۆزگەرمەيدىكەن، نۇمۇرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۆزگەرمەيدىكەن، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى بىر تال ياغاچلىق تار كۆۋرۈككە قىستاشتەك ئەھۋال ئۆزگەرمەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەنىلا ھەقىقىي تۈردە يېنىكلەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇمۇ بىر ئەمەلىي ئەھۋال. ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ نۇمۇرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلماي ۋە ئۆز ھورۇنلۇقىنى يوشۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەشنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىقى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە بولۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسلىقى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان. ئەكسىچە، ئەگەر مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ «ئاق تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەن بولسا، بۇ، مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە جەمئىيەتكە تەۋسىيە قىلىنغان بىلەن باراۋەر. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەقسەتكە قىسمەن يەتكەنلىك بولىدۇ. شۇڭا، مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ نەتىجىسىنى ئاددىي ھالدا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ ئېيتقاندەك، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يېنىكلىتىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر، مۇرەككەپ ھەم جاپالىق بولغاچقا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئەمما، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرگەن ئاساسىدا قەتئىي تۈردە ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئامىللار سۈپىتىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن باشقا، يەنە مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ بار. مەكتەپ تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرگىزمۇ دەرس سائىتى ۋە تاپشۇرۇقنى ئاددىيلا ئازايتىش ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىغا توغرا قاراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇش كېرەك، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇياق-بۇياققا ماڭدۇرۇپ، ئۇلارنى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلماسلىق كېرەك. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىلەر جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلار بولسا، تۇغما ھالدىكى «تەشۋىشلىنىش تەن ساپاسى»دىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، كىرىزىس ئېڭى ۋە رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ «مائارىپ ساپاسى» (بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىدىيەسىنى كۆرسىتىدۇ)گە چېتىلىدۇ. بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋردە، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مائارىپقا بولغان قارىشىدا چوقۇم دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش بىر چوڭ تېما بولۇپ، ئۇنىڭدا، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتنىشىشىغا، ئاتا-ئانىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى توغرا تونۇپ يېتىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ھالدا "تەربىيىلەش رىۋايىتى "نى ئويدۇرۇپ چىقىشقا ۋە ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ئەلۋەتتە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت، ئەمما، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. مائارىپ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر گەپنىڭ تىغ ئۇچىنى ئىمتىھان ئۈچۈنلا مائارىپ يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىگە قارىتىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما، ئىمتىھان ئۈچۈنلا مائارىپ يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرگىزمۇ ھە دېگەندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭدا، ماھىيەتتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقتىدا تۈزەش تىرىشچانلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىشى ھازىر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشتا مۇھىمى مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشكە بولىدىغان ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئۇزاققىچە تۆھپە كۆرسىتىشتە. پەقەت شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بۇ ئىشتىن چوقۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ