مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.06.11 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10- چېسلا جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىق ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىققا ئائىت ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بېشكەكتە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو-قىرغىزىستان ۋە جۇڭگو-تاجىكىستان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار ۋە ياخشى دوستلاردۇر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇش مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ژېنبېكوف ۋە زۇڭتۇڭ راخمون ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى، سۆھبەت، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن جۇڭگو-قىرغىزىستان ۋە جۇڭگو-تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭىچە پىلان ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە جۇڭگو-قىرغىزىستان ۋە جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ۋە جۇڭگو-تاجىكىستاندىن ئىبارەت تەرەپلەر ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭىچە پىلان تۈزۈپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ۋە جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ