مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم

2019.06.04 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى يولغا قويۇش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا، بايلىقنى تېجەپ ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاچقۇچى ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئادەت يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە. يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىزچىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تونۇتۇش، ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم قول سېلىپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2016-يىلى 12-ئايدا، ئۇ مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تەتقىق قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، تۈرگە ئايرىپ يىغىش، تۈرگە ئايرىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلغان، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولغان، ئومۇمىي خەلق قاتناشقان، شەھەر-يېزا بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ يەنە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەمدە بۇ خىزمەتكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ