مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تور ئەسەبىيلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ

2019.05.27 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئادېئىن يېقىندا فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە 2- نۆۋەتلىك «پەن-تېخنىكىغا ئىنتىلىش» باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق 18 دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى facebook ۋە مىكروسوفت قاتارلىق سەككىز ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ۋە پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىكتە «كرىستچېچ تەشەببۇسى»غا ئىمزا قويۇشۇپ، زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى تورلارنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىشتى ۋە ۋەدە بېرىشتى.

  «كرىستچېچ تەشەببۇسى» ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئالاقە تورى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشنىڭ تېخنىكا قوراللىرىنى كەشىپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى؛ ھەمدە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مېخانىزمنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېرورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى؛ ھەم شۇنداقلا مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىشى كەمچىل بولغان، لېكىن، ئەسەبىي گەپ-سۆزلەرنىڭ «ئېغىر ئاپەت رايونى»غا ئاسانلا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بولغان ئوتتۇر ۋە كىچىك مىقياستىكى تور سۇپىلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مېخانىزملارنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ۋەدە بېرىشىپ، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، جەمئىيەتنى «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش»قا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى ۋە ئالاقە تورىدا تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئۆچۈرىۋېتىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلماقچى بولۇشتى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچېچ شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتتە 51 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا زامىن بولغان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ بولسا، يېڭى زېلاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى تور ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى قاتىللىق قىلغۇچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى توردا بىۋاستە كۆرسىتىش قىلمىشىنى ۋاقتىدا توسۇپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى.

  ئادېئىن بۇ ۋەقەنى سۆكۈپ، بۇ ۋەقە تېررورچىلارنىڭ «تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بىر مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدىكى قورالى بولۇپ قالدى.» دەپ ئەيىبلىدى.

  ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇس ۋەرەقىلىرى ۋە قوشۇمچە قىلىنغان كارخانا ئورتاق باياناتلىرىدا مۇنۇلارغا ۋەدە قىلىشتى: يەنى، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان ئالاقىدار مەزمۇنلارنى توردىن چۈشۈرۈش ۋە تارقىتىشنى پائال تۈردە توسۇش كېرەك. بۇ ۋەدىلەرنىڭ مەزمۇنى يەنە زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشقا قارشى تۇرۇشتىكى قائىدىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ «نەق مەيدان»دا ئىسپات بېرىش ۋە تەكشۈرۈش رەسمىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا يەنە،facebook دېگەندەك تاراتقۇلارنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىدىغان كۈنى يىغىن ئېچىلىشتىن سەل ئىلگىرىلا ئەمەلىي ئېقىم ۋاسىتىلىرى قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتەك مەسىلىمۇ بار. يۇقىرىقى ۋەدىلەرنىڭ مەزمۇنى يەنە، ئەگەر تاراتقۇلار ئالاقىدار تور ھېسابات نومۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىتىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بايقالسا، ئۇلارنىڭ «بىۋاسىتە كۆرسىتىش» قورالدىن پايدىلىنىشىنى دەرھال چەكلەش كېرەكلىكى، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە ئالاقىدار ئاپپاراتلار بىلەن ئۇچۇردىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئالاقىدار شىركەتلەر ۋە پەن-تېخنىكا ئاپپاراتلىرى تۇنجى قېتىم بىر قاتار تەدبىرلەر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقلار توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، ئۇلار ئالاقە تورىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ. ئادن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورىزمنىڭ توردا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشى ۋە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم پۈتكۈل دۇنيا ھەمكارلىقنى ئورتاق كۈچەيتىشى كېرەك.

  فرانسىيە تاراتقۇلىرى تەشەببۇسلارنى ئومۇميۈزلۈك قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن، مۇنۇلارنىمۇ تەكىتلىدى: مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. «فېگارو گېزىتى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئالاقە تورى شىركەتلىرى توردىكى مەزمۇنلارنى يەنىلا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ تەكشۈرىۋاتىدۇ، ئۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا يەنىلا گۇمان بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئاشكارىلىشىدەك ئەھۋال بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، فرانسىيە كۈچ چىقىرىپ، ئالاقىدار تەشەببۇسلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. يېقىندا، فىرانسىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەزالىرى مىللىي پارلامېنتقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن مەزمۇن ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تازىلاشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن بىر سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتەك يېڭى قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە پائال ئىزدىش قىلماقتا. بۇ يىلقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسىيەمۇ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئالاقىدار بايانات ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقاردى .

  (خەلق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى پارىژدىن بەرگەن تېلېگراممىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ