خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 9-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ژېنبېكوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخمانوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ