باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەدەنىيەت نۇرى گۈللىنىش يولىنى يورۇتتى

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2019.06.10 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزاق تارىخىي ئېقىن توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىدى؛ 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت توختىماي داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

  مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن تەبىئىي مىراسلارنى قوغداشقىچە؛ ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشتىن تارتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇشقىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش، مىللەتنىڭ روھىنى ساقلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  زامان-ماكاندىن ھالقىپ، پارلاق مەدەنىيەت نۇرى مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قەلبىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاق كۈچكە ئوت يېقىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يولىنى يورۇتتى.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ياخشى پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش

  ___ دۆلەت، مىللەت، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى بىلەن ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، شەندۇڭ زاۋجۇاڭ تەيئېرجۇاڭدىكى ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۈيۈك قانال بويىدا سەيلە قىلدى.

  تاڭ سەھەردە، دەريا-ئېقىنلار كېمە-قولۋاقلارغا تولۇپ كەتكەنىدى؛ كەچ كىرگەندە، ھەر تەرەپتىن پالاق ئاۋازى كېلىپ، چىراغ نۇرى دەرياغا شولا تاشلاپ تۇراتتى . . . گۈزەل مەنزىرىگە چۆمگەن كىشىلەر جەنۇبىي ۋە شىمالدىكى بەش چوڭ سۇ سىستېمىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، سەككىز ئۆلكە، شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بۇ سۈنئىي دەريا يولىنىڭ بىر مەھەل قىستىلىش، تىندۇرۇۋېتىش، ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

  كەڭ زېمىننى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مىليونلىغان ئاممىنى بېقىپ يېتىشتۈرگەن، 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۈيۈك قانال قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن، تېخىمۇ شانلىق ھالدا «ياشاپ كېتەلەيدۇ»؟

  2017-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۈيۈك قانال مەدەنىيىتى بەلبېغى قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى: بۈيۈك قانال ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس، كۆچمە مەدەنىيەت، ئۇنى بىر تۇتاش ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىلانلىشى، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى، «مەدەنىيەت قاشتېشى بەلبېغى» دېڭىز بويىدىكى سانسىزلىغان ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئارقىمۇئارقا تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. (تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىگە قاراپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر