مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.06.06 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)» ماقۇللاندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، يىغىندا «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ كۆپ ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى»نى تۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ پەن تەتقىقات تۈرىنى يولغا قويۇش، نەتىجە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن سىناق قىلىشىنى قوللاش كېرەك؛ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى %75 نىسبەت بويىچە باجدىن بۇرۇن قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە سىياسەت سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» سۇپىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پاي ھوقۇقى، مائاش قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.تۆتىنچى، «ئالاقە تورى +»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سانائەت ئالاقە تورىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +» نىڭ داۋالاش، كۈتۈنۈش، مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۇنىۋېرسال تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ناچار قەرز پۇل سىغدۇرۇش دەرىجىسىنى ھەر خىل قەرز پۇلنىڭ ناچار بولۇش نىسبىتىدىن ئىككى پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمىگە كېڭەيتىش لازىم. خەۋپلىك مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى، ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ قەرز تارقىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ