مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى جازالىغىنىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا «چىن كۆڭلى» بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمىدى، دېدى

2019.06.10 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 8-چېسلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران پارس قولتۇقى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنى جازالاش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «چىن كۆڭلى» بىلەن سۆزلىشىش خىيالى يوقلۇقىنى بېكىتتۇق، دېدى.

  ئىران نېفىت مىنىستىرى شۇ كۈنى ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش نىيىتى يوق، دېدى.

  【«ساختىلىق» نى پاش قىلىش】

  پارس قولتۇقى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنى ۋاسىتىلىك قوللايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7-چېسلا ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا 4-ئايدا ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابباس مۇساۋىينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ يېقىندا قوللانغان جازالاش تەدبىرى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا قائىدىگە روشەن خىلاپلىق قىلدى، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تېررورلۇقىنى ئىسپاتلىدى.

  مۇساۋى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، (لېكىن) پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىلا (بۇ سۆزلەر)نىڭ نەقەدەر ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت 2015-يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى، ئامېرىكا بۇلتۇر 5-ئايدا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىراننى ئۆزى بىلەن يېڭىدىن كېلىشىمنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، ئىراننىڭ قورال-ياراغ تۈرى ۋە رايون پائالىيىتىنى چەكلىمەكچى بولدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېئو 2-چېسلا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ «شارائىت ھازىرلىماسلىق» شەكلىدە ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىراننىڭ «ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى تىرىشچانلىقى»نى توختاتمايدۇ. ئىران تەرەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ «يېزىق ئويۇنى»غا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ 6-ماي فىرانسىيەدە نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ