مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىم نېفىتلىكى 30 يىلدا قەد كۆتۈرگەن چوڭ نېفىتلىك

2019.06.03 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ نام ئالغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا، 30 يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان جۇڭگو نېفىت تارىم نېفىتلىكى نېفىت-گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون توننىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئاخىرىدا، يېڭى چوڭ نېفىتلىكنى تېپىش ئۈچۈن، ھەر يەرلەردىن كەلگەن نېفىتچىلار «ھالاكەت دېڭىزى»دا جەڭ قىلدى. 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، جەنۇبىي بۈگۈر 2-قۇدۇقى، ئوتتۇرا تارىم 1- قۇدۇقى، ئوتتۇرا تارىم 4-قۇدۇقىدا نېفىت- گاز ئارقا-ئارقىدىن بايقالدى، مۇشۇ ئاساستا تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىشتا ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، جەنۇبىي بۈگۈر نېفىتلىكى، ئوتتۇرا تارىم نېفىتلىكى بايقالدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت-گاز بارغانسېرى تولۇقلاندى: جۇڭگودىكى تۇنجى 100 مىليون توننىلىق دېڭىز فاتسىيەلىك قۇمتاش نېفىتلىكى، جۇڭگودىكى تۇنجى 100 مىليون توننىلىق خادا تاش فاتسىيەلىك نېفىت-گازلىق ئوتتۇرا تارىم 1-نومۇرلۇق قېتىشما گازلىقى بايقالدى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق، ئالاھىدە يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك قۇراشتۇرۇلغان گازلىق 2- گازلىقى بەرپا قىلىندى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قېتىشما نېفىت-گازلىق بەلبېغى − ياقا-يېڭىمەھەللە نېفىت-گازلىق توپى تېپىلدى...

  بۇ پەقەت تارىم نېفىتلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 30 يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىدىكى 12 قاتلام سىستېمىنىڭ ھەممىسىدە نېفىت- گاز بايقالدى، 31 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىت-گازلىقى بايقالدى، نېفىت-گاز زاپىسىنىڭ ئېكۋىۋالېنتى 2 مىليارد 600 مىليون توننىدىن ئېشىپ، نېفىت-گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتى دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 34 مىڭ توننىدىن 2018- يىلىدىكى 26 مىليون 730 مىڭ توننىغا ئۆرلەپ، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى 3- چوڭ نېفىت-گازلىق ۋە مۇھىم تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئېلىمىزنىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت-گاز ئۇۋىسىدا ئىزدىنىشىنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىم نېفىتلىكىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 230 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش بازىرى تەرەققىي قىلىپ 15 ئۆلكە، شەھەرگە، 120 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تەخمىنەن 400 مىليون ئاھالىگە، 3000 دىن ئارتۇق كارخانىغا يەتتى.

  560 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەر يۈزى شارائىتى ئىنتايىن ناچار، گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كۆپىنچىسى يوشۇرۇن نېفىت-گاز ئۇۋىسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  تارىم نېفىتلىكىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش-ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش گېئولوگى جاڭ چېڭزې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، تارىملىقلار قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇق رېكورتىنى قايتا- قايتا يېڭىلىدى. ھازىرغا قەدەر، تارىم نېفىتلىكى 7000 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان چوڭقۇر قۇدۇقتىن 100دىن ئارتۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چارلاپ بۇرغىلىدى، چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان «يەر ئاستىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى»دىن ئالتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چارلاپ بۇرغىلىدى؛ يەنە سۈرئەتنى تېزلىتىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كۇچا رايونىدىكى بۇرغىلاپ بولۇش دەۋرىنى ئىلگىرىكى 500 كۈندىن ھازىرقى 300 كۈن ئەتراپىغا قىسقارتتى...

  تارىم نېفىتلىكى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»كە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «غەربنىڭ گازىنى غەربكە ئىشلىتىش»نى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 مىليون ھەر مىللەت پۇقرانى «ئوتۇن-كۆمۈر دەۋرى» دىن «يېشىل دەۋر گە قەدەم قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاۋات تارماق لىنىيەسى ۋە ئۇچتۇرپان تارماق لىنىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى تەبىئىي گاز تارماق غول لىنىيەلىرىنىڭ تۇرۇبا تورى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلىنىپ، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ئۈزلۈكسىز بەخت ئېلىپ كەلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە گاز بىلەن تەمىنلەنگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جەمئىي 32 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بەرگەن.

  «30 ياشقا كىرگەن تارىم نېفىتلىكى قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا». تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش- يۈرۈشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې شىنشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىغا بارغاندا تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت-گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون توننىغا يېتىپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ نېفىت-گازلىق ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ، 2025-يىلىغا بارغاندا نېفىت- گاز ئېكۋىۋالېنتى 35 مىليون توننىغا يېتىپ، زامانىۋىلاشقان چوڭ نېفىت- گازلىق ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ