مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ قازاقسىتان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2019.05.29 15:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلمىرە ئىسىمبايېۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دوست قوشنىلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ ھالقىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. قازاقىستان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئەڭ بالدۇر ئاۋاز قوشقان ھەم پائال قاتناشقان، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قازاقىستان پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بېرىشنى خالايدۇ.

  گۈلمىرە ئىسىمبايېۋا مۇنداق دېدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىناق قوشنىلار، بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ، قازاقىستان پارلامېنتى جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ