مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم 23- نۆۋەتلىك سانتپېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.05.31 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 30- چېسلا جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەمدە 23- نۆۋەتلىك سانتپېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە 23- نۆۋەتلىك سانتپېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، بىر تەرەپچىلىك باش كۆتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىنىۋاتىدۇ؛ رايونلاردىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئېچىتىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىس بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، مۇقىم ۋە مۇستەھكەم بولماقتا. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى بۇلتۇر 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا ۋە تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى نامايان قىلىندى. بۇلتۇر ۋە بۇ يىل، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يەرلىك ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش يىلى ئۆتكۈزدى، يەرلىكنىڭ ئالاقىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقى روشەن ھالدا كۆپ تەرەپلىك ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە كايۇتا ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ رولىنى جارى قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ