مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كوچىدىكى ساھىبجاماللارنى سۈرەتكە تارتىشتىن بۇرۇن رۇخسىتىنى ئالدىڭىزمۇ؟

2019.05.24 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز يېتىپ كەلدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىسى بولغان سەنلىتۈن تەيگۇلى ئەتراپىدا، نۇرغۇن «فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى» ئاپپاراتلىرىنى توغرىلاپ، مودا كىيىنگەن ھەر بىر قىزنى سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، بۇنىڭ كەينىدە توردا پايدا ئالىدىغان كەسىپ زەنجىرى بار ئىكەن، سۈرەتكە تارتىلغان قىزلار «كىيىنىشنى نامايان قىلىش»قا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ ۋە دوۋيىندىكى ھېسابات نومۇرلىرى ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىپ، ئېلان قوشۇپ پايدا ئالىدىكەن.

  قىسقا سىن تور بېكەتلىرىنى ئاچقاندا، «كوچىلاردىكى ساھىبجاماللار سۈرەتلىرى» دەيدىغان مەخسۇس بىر تۈر بار بولۇپ، بۇ خىل سىنلاردا ئادەتتە ھېكايە ۋەقەلىكى يوق، ئاساسەن بىر ياكى ئىككى-ئۈچ گۈزەل قىزلار يىراقتىن كېلىپ كامېرا ئالدىدىن ئۆتكەندە، بەزىلىرى كۈلۈپ قويىدۇ، بەزىلىرى بولسا ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىدە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق سىنلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ مەنزىرىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ خىل سىنلارغا ھەمىشە «فىگۇرىسى مودېللاردەك كېلىشكەن قىزچاق»، «بۇ يەردە بۇرۇنقى قىز دوستۇمنى ئۇچرىتىپ قالدىم» دېگەندەك كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تېمىلار قويۇلىدۇ.

  ئاشۇ ئاتالمىش «فوتوگراف»لاردىن سوراپ باقسام: كوچىلاردا گۈزەل قىزلارنى سۈرەتكە تارتىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالدىڭىزمۇ؟ ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش ئەسلىدىنلا بىر ئەدەپسىز ئىش، ئەگەر سۈرەتكە تارتىلغان قىز بىرەر ناباپ ھەرىكەت قىلىپ قويغان بولسا، ياكى سۈرەتكە تارتىلىشنى خالىمىسا، بۇ خىل سىنلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشى باشقىلارغا بولغان بىر خىل زىيانكەشلىكتۇر. ھەتتا بەزى نىيىتى دۇرۇس بولمىغان كوچىلاردا سۈرەتكە تارتىدىغانلار ئاياللارنىڭ سەزگۈر قىسىملىرىنى مەخسۇس سۈرەتكە تارتىدۇ. بەزىلەرنىڭ كوچىدىكى ساھىبجاماللارنىسۈرەتكە تارتىشى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەنە «ئەسەر»لىرىنى ئۆزىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا چىقىرىپ مەستانىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئېقىم مىقدارى يارىتىپ، ئېلان سودىگەرلىرىنى مايىل قىلىپ، ئۆزىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر. كوچىدا باشقىلارنى سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق پۇل تېپىش توغرا ئىش ئەمەس. ئەگەر سۈرەتكە تارتىلغان قىزلار سۈرۈشتۈرسە، كوچىدا سۈرەتكە تارتقانلار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كوچىدا ساھىبجاماللارنى رۇخسەتسىز سۈرەتكە تارتىشنىڭ پايدىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ