مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەھەللىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، يەسلى، ئائىلە ئىشلىرى قاتارلىق مەھەللە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىگە قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى

2019.05.30 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەھەللىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كۈتۈنۈش، يەسلى، ئائىلە ئىشلىرى قاتارلىق مەھەللىلەردىكى ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىگە قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەھەللىنى ئاساسىي تايانچ قىلىپ كۈتۈنۈش، يەسلى، ئائىلە ئىشلىرى قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش − خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا تىرەك بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مەھەللىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۆۋەندىكى تەدبىرلەر بېكىتىلدى:

  بىرىنچى، مەھەللىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىش لازىم. كونا مەھەللىلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىگە قارىتا قەرز تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان مەھەللىلەردە بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلغان كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە ھەقسىز ياكى تۆۋەن تۆلەم بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. كارخانا، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بوشىتىلغان يېرى، ئۆيلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق بولغانلىرىنى ئالدى بىلەن مەھەللىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىجازەتنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەھەللىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. تولۇق ھاۋالە، كۈندىلىك ھاۋالە، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى ھازىرلىغان مەھەللە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك باھاسىدا سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش كېرەك. «ئالاقە تورى +»قا تايىنىپ، «قورۇما بۇيرۇتۇش شەكلىدىكى» يېقىن ئەتراپتا قولايلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، زەنجىرسىمان، ئۇنىۋېرسال، كۇرسلۇق تىجارەت قىلىشنى قوللاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بەلگىلىمە بويىچە مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خادىملىرىنى كەڭ دائىرىدە تەربىيەلەشنى قوللاپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتە تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ساپاسى ياخشى كەسپىي قوشۇن قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، مالىيەنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەبلەغنى مەھەللىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قوللاشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش كېرەك. ياشانغانلار ياردەم پۇلى، پەرۋىش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتىگە مەركەزلىك ياردەم بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ