مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2019.05.31 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا مەملىكەت بويىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدى.

  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا ئۆگىنىشى ھەم چۈشىنىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشى ۋەئۇنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بولۇشى ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى بەش ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىق ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئارىلىقتا قىلغان سۆزلىرى، سۆھبەتلىرى، نۇتۇقلىرى، تەستىقلىرى، تەبرىك تېلېگراممىلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 99 پارچە ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن، يەنە شى جىنپىڭنىڭ شۇ مەزگىللەردىكى 29 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 17 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىپ تارقىتىش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا، ھەمدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئېتراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ