مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى كاڭ دېجى

2019.05.23 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىمۇ تەن ساغلاملىقىغا ئوخشاشلا مۇھىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلىمەكچى بولساق، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ساغلام يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ساغلاملىق ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ۋە ساغلام بولغان ئىنسانىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك مەنىۋى پەزىلەتنى شەكىللەندۈرۈشى، غايە-ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش نىشانىنى تۇرغۇزۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى بارغانسېرى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بەزى ياش-ئۆسمۈرلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق قاتارلىق كەيپىيات پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، بەزىلىرى ھەتتا روھىي كېسەل بىمارىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئەھۋال ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىشى كېرەك.

  ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىگە قارىتا، مەن بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇم. مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەكتەپلەردە گەرچە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىنغان ۋە پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ ئوينىغان رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. مەكتەپنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى چەكلىك، ئۇ خىل دەرس ۋاقتىنى دائىم باشقا ئاساسلىق دەرسلەر ئىگىلەپ كەتكەن، ئەسلىدە ھەر ھەپتىدە بىر سائەتلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرس بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر سائەت، ھەتتا ئارىلىق ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان. مەكتەپنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنى چۈشىنىشى چەكلىك ئىكەن. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ھەرگىزمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىسخىكا مەسلىھەت سوراش ئۆيىگە بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلمايدىكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەسلىھەت بېرىش ئوقۇتقۇچىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى كەمچىل، بەزىلىرى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ بېسىم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، پەقەت كېسەل بولغان كىشىلەرلا ئاندىن پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت سورايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى كۆپىنچە تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇمچە ئۆتەيدىكەن. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا مەسىلىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش ئىقتىدارى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنداق چاغدا ئۇ ئوقۇتقۇچىلار باشقا مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلاردىن مەسلىھەت سورىۋېلىپ ئاندىن ئۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن، مەكتەپتە كەسپىي ئاپپاراتلار بىلەن تۇتاشتۇرۇش يولى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغاچقا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ .

  ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىمۇ تەنساغلاملىقىغا ئوخشاشلا مۇھىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ساغلاملىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. مەكتەپلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسىنى مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، پىسخىك ساغلاملىق دەرسلىكىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پىسخىك يېتەكچىلىك ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان پىسخىك ساغلاملىق دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل قوغلىشىشتىن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىنتىلىشكە يۈزلىنىپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەردە روھىي بېسىم ۋە جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، شارائىتى بار مەكتەپلەر چوقۇم كەسپىي پىسخىك ساغلاملىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق پىسخولوگىيە كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاتا-ئانىلار دەرسخانىسى ۋە مەھەللە تەربىيەسىدە پىسخىكا كەسپىي خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئاتا-ئانىلارغا قارىتا بىرقەدەر سىستېمىلىق بولغان تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىشنى، يەنى بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئائىلە تەربىيەسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مەكتەپ ۋە پىسخىكا كەسپىي دوختۇرخانىسى ۋە پىسخىكا كەسپىي ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقە ۋە جىپسىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈش يولىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناۋادا ياش-ئۆسمۈرلەردە ئېغىر پىسخىكا كېسىلى پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى يۆتكەپ داۋالاش ۋە كەسپىي داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، دەرھال ئىلمىي ئارىلىشىش تەرتىپى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى نۇقسانىنى كېيىنكى مەزگىللىك داۋالاش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ