مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلق سارىيىدا نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسوفو بىلەن كۆرۈشتى.
لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ جانابلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-نىگېر دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزدى. جۇڭگو نىگېر بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو- ئافرىقا خەلقى جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن، نۆۋەتتە نامراتلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتۇلۇپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە. غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر ياردەم قىلىشنى خالىمىغان، قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزئارا ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىدى، ھەرقانداق شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى ياراتتى. بۇ دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقىي سەمىمىي ئىدىيە ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نىگېر مىللىي پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىسسوفو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېر جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، « بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
دىڭ جۇڭلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسوفو بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ