مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تويدىن كېيىنكى «نەچچە يىلدا زېرىكىش»نى زىيادە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز

2019.05.22 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەلۇم تور بېكىتى بويتاقلار توپىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، %31 بويتاق ئەر-خوتۇن ئىككى يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، مۇناسىۋەت ئادەتتىكى مەزگىلگە كىرىدۇ، دەپ قارىغان، %22 كىشى مۇھەببەتلىشىپ بىر يىلدىلا ئادەتتىكى مەزگىلگە كىرىدۇ، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاجرىشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىدىكى ئۈچ ئۈلۈش كىشى توينىڭ چارچاش مەزگىلى ئىككى يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «يەتتە يىلدا زېرىكىش» − مۇھەببەت ياكى توي تۇرمۇشى يەتتە يىلدىن كېيىن بىر مەزگىللىك ھارغىنلىق، خەتەرلىك مەزگىلگە كىرىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر قېتىملىق كىرىزىس سىنىقىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈلگەن چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە توي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پېتى ساقلىنىش مەزگىلى يىلدىن-يىلغا قىسقارغان، تويدىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن يەتتە يىلغىچە بولغان ۋاقىت توي بۇزۇلۇش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، توينىڭ 3-، 4- يىلىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن، «يەتتە يىلدا زېرىكىش» ئەمدى «ئۈچ يىلدا زېرىكىش»كە قىسقارغان. ھازىر يەنە «ئىككى يىلدا زېرىكىش» پەيدا بولغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماقتا.

  ئەمەلىيەتتە، «يەتتە يىلدا زېرىكىش» ياكى «ئۈچ يىلدا زېرىكىش»، «ئىككى يىلدا زېرىكىش» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى زىيادە چۈشەندۈرمەسلىك كېرەك. «يەتتە يىلدا زېرىكىش» دېگەن بۇ سۆز 1955- يىلىدىكى چەت ئەلنىڭ شۇ ناملىق فىلىمىدىن كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر «يەتتە يىلدا زېرىكىش»نىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يەتتە يىلدا زېرىكىش» ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم تولۇق يېڭىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېڭىلانغاندىن كېيىنكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەتكە بولغان خاتىرىسى يوقايدىكەن، شۇڭا بۇ «يەتتە يىلدا زېرىكىش» دەپ ئاتالغان. ھالبۇكى، ئىنسانلار ھۈجەيرىلىرىنىڭ مېتابولىزمى ئادەمنىڭ ھېسسىياتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالمىشىش دەۋرىيلىكى ئارقىلىق مۇھەببەت بىلەن توي مۇناسىۋىتىدە «يەتتە يىلدا زېرىكىش»نىڭ بارلىقىنى دەلىللەش سەل مەجبۇرىي چېتىپ قويۇش بولۇپ قالىدۇ.

  ئۇنداقتا، «يەتتە يىلدا زېرىكىش»، «ئىككى يىلدا زېرىكىش» ئىلمىيمۇ؟ خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62 دۆلەت، رايون ۋە مىللەتكە چېتىلىدىغان ئىستاتىستىكىلىق يىلنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، توينىڭ تۆتىنچى يىلى تويدىن ئاجرىشىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئىكەن. باشقا تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تويدىن كېيىنكى 14 يىل بولسا ئەر-خوتۇن ياكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھېسسىيات تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، توي مۇناسىۋىتىدە زادى «نەچچە يىلدا زېرىكىش»نىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ھۆكۈمى يوق.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، توي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. فىزىئولوگىيەلىك ئامىل، پىسخىكىلىق ئامىل، ئىدىيەۋى قاراش پەرقى، تاشقى كۈچنىڭ تەسىرى، يەنە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ماجىرالىرىمۇ بار. توي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە، زىددىيەتكە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ توي قىلغاندىن كېيىنكى مەلۇم ۋاقىتقا ئاساسەن ئەمەس.

  ئەگەر «نەچچە يىلدا زېرىكىش» چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئاڭ بولۇپ قالسا، ئەكسىچە جورىسىگە مەلۇم پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا كىچىككىنە زىددىيەت يۈز بەرسىلا، ئۆزىنىڭ توي مۇناسىۋىتى «نەچچە يىلدا زېرىكىش»كە بېرىپ قالغان- قالمىغانلىقىنى، ھەر كىم ئۆز يولىغا مېڭىشنى تاللاش-تاللىماسلىقىنى ئويلايدۇ.

  توي مۇناسىۋىتىنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىش كېرەك، توي قىلغاندىن كېيىن ئەر- خوتۇن ئىككى تەرەپ مۇھەببەت ئالاقىسىنى ساقلاپ، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى پەيدا قىلىشى، ئاددىي كۈنلەرنىمۇ ئالاھىدە ئۆتكۈزۈشى كېرەك. «زېرىككەن» تەقدىردىمۇ زادى قانداق مەسىلە چىققانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئاندىن ئامال قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ «زېرىكىپ قالسىلا ئاجرىشىش»قا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ