مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئايال شوپۇر»نى ئەيىبلەشكە بولىدۇ، لېكىن «ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئومۇمغا ئاشكارىلىماسلىق» كېرەك ئىدى

2019.05.22 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زىيان ھەمىشە كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې رايونى لىنخې ئوتتۇرا يولى لىنلې يولى ئېغىزىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئايال شوپۇر دىڭ × × سىگنال چىرىغىنى ساقلاۋاتقان چاغدا، مەشغۇلات مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، 13 يولۇچى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان. ھادىسە سۈرەتكە ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈش ئاممىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ غەش قىلدى. كىشىلەر يارىدارلارنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەقە تۇغدۇرغان شوپۇر دىڭ xxگە تېخىمۇ غەزەپلەندى.

  غەزەپلىنىش كېرەك، ئۇ كىشىلەرنىڭ زەخىملەنگەن چاغدىكى بىر خىل تەبىئىي ئىنكاسىدۇر. كىشىلەر ئاچچىقنى ھادىسە سادىر قىلغان شوپۇر دىڭ xxگە قاراتتى، چۈنكى ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى بولۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ تەنقىدى ۋە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. بىراق، خاتا جاۋابكارلىقنىڭ خاراكتېرىمۇ ئوخشاش، غەزەپلىنىشنىڭ نۇقتىسى ۋە ئىپادىلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەمىشە نۇرغۇن ئىشلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، ھادىسە سەۋەبى تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا، دىڭ × × نىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توردا كۆپلەپ ئاشكارىلاش پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش بولۇپ، پۇخرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا چېقىلىشقا چېتىلىدۇ.

  پاش قىلىنغان ھەمدە ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئەھۋالدا، دىڭ × ×نىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كەسپى، كىملىك نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئائىلە ئادرېسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرى قاتارلىقلار ھادىسە ئۇچۇرى بىلەن بىللە تورداشلار تەرىپىدىن ھەر قايسى چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى دىڭ XXنى پۈتۈنلەي «ئاشكارا ئادەم»گە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ ئۇچۇرىمۇ تورداشلار تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى، بولۇپمۇ ھېلىقى «چاقچۇق» دەپ قارالغان كىشى.

  بىر تورداش ئېيتقاندەك: خاتالىق ئۆتكۈزۈپلا قالسا، يەتتە ئەجدادىغىچە ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇچۇر دەۋرىدە، شۇنچە زور ئىزدەش ئىقتىدارى «ماراشنى ياخشى كۆرىدىغان» كىشىلەرنىڭ شەخسىي نەپسىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىزنى ئەنسىرىتىپمۇ قويدى. بۇ شەخسىي ئۇچۇرلار قەيەردىن كەلگەن؟ يەنە قانداق ئاشكارىلىنىپ كەتتى؟ ئۇچۇر ئىگىلىگەن ئورۇن، تارماقلاردا «ئىشپىيون» بارمۇ- قانداق؟ ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، شەخسى ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتمىسە، كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق شەخسىيىتى قالمايدۇ، «ئادەمنى قېدىرىپ چىقىش»تەك بۇ پىچاق تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ