مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى جەنشۇ نورۋېگىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

2019.05.20 14:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تىروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە نورۋېگىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولۇپ، ئوسلودا نورۋېگىيە پادىشاھى خارالد بەشىنچى، باش ۋەزىر سولبېرگ بىلەن كۆرۈشتى، پارلامېنت باشلىقى تىرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ خارالد بەشىنچى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-جۇڭگو-نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، بىز ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، دوستلۇقنى پۇختىلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خارالد بەشىنچى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ نورۋېگىيەگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىغا رەھمەت، نورۋېگىيە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ سولبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بىز نورۋېگىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مۇھىت ئاسراش، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمىز. بىز نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىغا ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سولبېرگ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىماقتا، نورۋېگىيە جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ تىرون بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەم نورۋېگىيە پارلامېنتى دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشكەندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، سىياسىي تۈزۈمىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى-بىزنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىقىمىزدىن بولدى، بۇ-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگو خەلقى بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ماڭىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نورۋېگىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر قايسى قاتلاملاردىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي سۆزلىشىش ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدۇ. تىرون مۇنداق دېدى: نورۋېگىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئەتراپلىق ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى جەنشۇ جۇڭگو-نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىقتىساد-سودا سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە بىرلىكتە قۇرۇش ھەم جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى ھەققىدىكى سىياسەت تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، كۈچلۈك ھەمكارلىق ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لى جەنشۇ نورۋېگىيەدە كوللېكتىپ مەشىق قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلارنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، جۇڭگو-نورۋېگىيە دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ يەنە روگالاند ۋىلايىتى، سىتاۋانگېر شەھىرىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى، شۇ جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، نېفىت-گاز پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ