مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

2019.05.20 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توختىماي ئالغا بېسىپ، ئارزۇنى توختىماي قوغلىشىش؛ مېيىپلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، مۇھەببەتتە چەكسىز بولۇش

  مېيىپلارغا ياردەم بېرىشنىڭ 29- قېتىملىق مەملىكەتلىك پائالىيەت كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بولسا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ھەرقايسى نەمۇنىچىلارنىڭ داۋاملىق غەيرەت قىلىشى، مېيىپلارغا ياردەم بېرىشتىكى ھەر قايسى ئىلغارلارنىڭ كۆپ خىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشى قاتارلىقلارغا ئىلھام بېرىپ، كەڭ مېيىپلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئورتاق ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېيىپلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەندەك ياردەم بېرىشتىكى قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەقدىرلەش يىغىنىدا قەھرىمانلار توپلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا 85 مىليون مېيىپ كىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېھرىبان زاتلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى، بۇ ھەم ئېلىمىز مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مېيىپلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مېيىپلار ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلارغا ئالاھىدە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار، شۇڭا،باشتىن-ئاخىر مېيىپلاردىن ئىبارەت قىيىنچىلىقى بار بۇ ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نەتىجىدە، ئېلىمىزدىكى مېيىپلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، روھىي قىياپىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى، مېيىپلار ئىشلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. كەڭ مېيىپلار غۇرۇرلۇق ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان بولۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بىلەن نۇرغۇن كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈلگىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەمگەك ماھارىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولغانلار، يەنە بەزىلىرى بولسا، بىلىم ۋە تېخنىكا ئارقىلىق تۆھپە ياراتقانلار، يەنە بەزىلىرى ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن مۇستەقىل بولۇش روھىغا ئىلھام بەردى. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىپادىلەنگەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئۇلۇغ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرىدۇر.

  باشقىلارغا ياردەم قىلسا ئۆزىگىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى پۈتۈن جەمئىيەتتە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەۋج ئېلىپ ئادەتكە ئايلانماقتا.ئۇ ھازىر ھەر ساھە ۋە ھەر قايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ئەخلاققا بولغان ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى. مېيىپلارغا ياردەم بېرىشنىڭ بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئىلغارلىرى يەنە سەمىمىي مېھرىبانلىق ھېسسىياتى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مېيىپلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، مېيىپلارنىڭ توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بەردى. ئۇلار ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ۋە خالىس تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تارقاتتى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئۇلارنى ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىپ مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى ھەقىقىي تۈردىكى ئۈلگىلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يازدى، ھەمدە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى قوزغىدى.

  "ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، مېيىپلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ." باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېيىپلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدۇرۇش، ئۇلارنى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك غېمىدىن خالاس قىلىش، ھەمدە ئۇلارنى بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلىش بولسا، پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. مېيىپلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «ئاجىزلارنى يۆلەش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مېيىپلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم شۇنداقلا مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مېيىپلارغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك. كەڭ مېيىپلار چوقۇم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىدىن كۈچ ئېلىپ، غۇرۇرلۇق بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك يۈكسەك روھ، تېخىمۇ باتۇر قىياپەت ۋە ئىرادە بىلەن تۇرمۇش خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بەخت ۋە شان-شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك .

  جۇڭگو ئارزۇسى بولسا، مىللەتنىڭ ئارزۇسى ۋە دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى، ھەم شۇنداقلا ھەربىر مېيىپ دوستلارنىڭ ئارزۇسىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ