مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش لازىم

2019.05.17 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى 16-ماي تيەنجىندە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارادىكى داڭلىق كارخانىچىلار، كەسپىي ساھەدىكى باشلامچى زاتلار ۋە تۇرىڭ مۇكاپاتى ساھىبى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېتەكلىگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. كۆچمە ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، سەزگۇچ تور، مېڭە ئىلمى قاتارلىق يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭقۇر ئۆگىنىش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش، ئادەم-ماشىنا ماسلىشىش، توپنىڭ ئەقلىنى ئېچىۋېتىش، ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەن-تېخنىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ھالقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ئۆتكۈزۈش − دۇنيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدار پەن- تېخنىكا ساھەسى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى دەۋر: ئىلگىرىلەش، تاكتىكا ۋە پۇرسەت» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ