مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى ئاسراش كېرەك

2019.05.17 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمار ناتونۇش ئادەملەرگە يېقىنلىشالمايدۇ، مەن مۇزىكا ئارقىلىق تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا مېنى قۇچاقلاشنى ئۈگەتكىنىمدە، مەن پۈتۈن دۇنيانى قۇچاقلىغاندەك ھېس قىلدىم». ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 94 ياشلىق بوۋاي ساۋ پېڭنىڭ بايانى نەق مەيداندىكى نۇرغۇن مۇخبىرلارنى تەسىرلەندۈردى . . .

  بىر قۇچاقلاش شۇنچە چوڭ مەنىۋى كۈچ پەيدا قىلالايدىكەن. ئۇنداقتا، بىزنىڭ مېيىپلارنى قۇچاقلىشىمىزچۇ؟خۇددى ۋاڭ لېينىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۆز كۈچى بىلەن ياشايدىغان ۋە ئىقتىدارى بار مېيىپلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى باراۋەرلىك، ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىللىقلىق ھەمدە روھىي جەھەتتىكى قوللاشتۇر.

  بىز شۇنى كۆردۇقكى، پارتىيە ۋە دۆلەت سىياسىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەر دەرىجىلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا، ھەم شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى قىزغىن زاتلارنىڭ ياردىمىدە، زور بىر تۈركۈم مېيىپلار ھايات يولىدىكى جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسۇقلۇقتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھايات ئارزۇسىنى قوغلىشىپ، تۇرمۇش يولىنى مۇستەقىل ھالدا داۋام قىلدى. ئۇلار جەمئىيەتكە ماددىي بايلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ قىممەتلىك بولغان مەنىۋى بايلىق بىلەن تۆھپە قوشتى، كىشىلەرنىڭ ھايات يولىدىكى قىيىنچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشى ۋە ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىن چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە يۈزلىنىشىگە ئىلھام بەردى. ئۇلار بۇ جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل جۇشقۇن كۈچتۇر.

  باشقىلارغا ياردەم قىلسا ئۆزىگىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بىز بىرلىكتە شۇنى مۇراجىئەت قىلايلى: پۈتۈن جەمئىيەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق مېيىپلارنى چۈشىنىپ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن مىيىپلار ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت ئېلىپ كېلىپ، سەمىمىي تىرىشچانلىق بىلەن مېيىپلارنىڭ ھاياتىغا ئۈمىد ئېلىپ كىلەيلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ