باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر بىر ياخشى نىيەتنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

ئېغىر كېسەللەرگە توردا ئاۋامدىن خىراجەت غەملەشتە، مېھرى-شەپقەتنى قايسى ئورۇنغا قويىمىز

2019.05.16 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېغىر كېسەللەر ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىشنىڭ خۇسۇسىي سۇپىسىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا پائال يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋامدىن توردا خىراجەت غەملەش جەريانىدا،بەزى ساختا كېسەل مىساللىرى ۋە ئۇ ھەقتىكى ساختا ئېلانلار ھەمدە خىراجەت سوممىسىنى خالىغانچە توقۇپ چىقىش دېگەندەك ناچار ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، ئاۋامدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ خىراجەت غەملىگۈچىلەرگە كىشىلەر سوئال بەلگىسى قويۇپ قويۇپ، نۇرغۇن مېھرىبان زاتلارنىڭ ياخشى نىيەتلىرىنى كەينىگە چېكىندۈردى. مۇھەببەتكە تولغان بىر جەمئىيەت چوقۇم بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قەدىرلىشى كېرەك. "كۆپچىلىك سۆزلەش" پىروگراممىمىزنىڭ بۇ سانىدا، بىز ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن ئۈچ پارچە ماقالىنى تاللاپ، فوكۇسنى خەير-ساخاۋەت مەسىلىسىگە توغرىلاپ، مېھىر-شەپقەتكە بولغان ئورتاق تونۇشىمىزنى شۇلارغا مۇجەسسەملەيمىز .

  ـ ـ ـ تۈزگۈچىدىن

  قەدىرلەشكە ئوبدان ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر-شەپقەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش

  فاڭ رۈيخۇڭ

  مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئاتام بۇلتۇر 11- ئاينىڭ بېشىدا ئاق قان كېسىلى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، سېستىرالار پونكىتىدىكى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش تاختىسىغا «كېسىلى خەتەرلىك» دەپ يېزىلغان. ئانام قايتا-قايتا ئويلىشىپ، بۇ يىل 1- ئايدا ئاۋامدىن غەملەش سۇپىسىدا ئاۋامدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، ئىئانە قىلغانلار 1500دىن ئاشتى، غەملەنگەن پۇل جەمئىي 120 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، داۋالاش خىراجىتىنىڭ بېسىمى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلىدى.

  مەن ئەتراپىمدىكى ساۋاقداش، دوست ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئىئانە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم، ئانام ماڭا مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئادەمنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىدە بارلىق كۈچۈمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك؛ جەمئىيەتنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە كەلگۈسىدە چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتتۇم، چۈنكى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلەيمەن، شۇنداقلا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى داۋاملاشتۇرالايمەن. ئەلۋەتتە، مەن ساختا كېسەللىك تارىخى ئېلان قىلغان ۋە ئىئانە قىلىنغان پۇللارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن خەۋەرلەرنى كۆردۈم، لېكىن، بۇ سەلبىي مىساللار مېنىڭ مېھىر-شەپقەتلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  مېھىر-مۇھەببەت چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ. مەن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىققا تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يىقىلىپ چۈشكەن ياشانغانلارنى يۆلەپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ئىئانە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقتەك ئىنسان سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ مەن مېھرىبان كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىقىنى داۋاملىق يەتكۈزۈشى، قەدىرلىشى، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەربىر مېھىر-مۇھەببەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ھەربىر ھېسسىياتنى قەدىرلەش، بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇشتۇر، ھەم شۇنداقلا ھايانكەشلەرگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

  قۇتقۇزۇش يولى كۆپ بولۇش كېرەك، ئاۋامدىن غەملەش بىردىنبىر ئۇسۇل بولماسلىقى كېرەك


  جۇاڭ يۇڭمىڭ

  ئېغىر كېسەللەرگە ئاۋامدىن غەملەش ئىشىدىن كېلىپ چىققان مۇزاكىرىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھازىر تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. بىراق، بىزنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە تېگىشلىكى شۇكى، ئائىلە ئۈستىگە ئېلىش قىيىن بولغان داۋالىنىش خىراجىتىگە دۇچ كەلگەندە، ئاۋامدىن غەملەشتەك بۇ «بوسۇغىسى يوق» چارە گەرچە بەلگىلىك قۇتقۇزۇش رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن، ئالاقىدار تارماقلار يەنىلا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مەھەللە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-قوغداش كاپالىتى خىزمىتىنى قانداق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك؟

  ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇپ ۋە كۆپرەك كۈچەش كېرەك. مەسىلەن، بەزى جايلاردا ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ئىشقا سېلىپ، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ ۋە سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ياردەم بېرىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى؛ يەنە مەسىلەن، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش ۋە ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورناتتى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، پەقەت پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىش يولى ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، داۋالىنىش كاپالىتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى تۈپتىن ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن بىمارلار تېخىمۇ ئەندىشىسىز، مېھرىبان كىشىلەر تېخىمۇ خاتىرجەم بولالايدۇ.

   ياردەم سوراش ئۇچۇرلىرى ۋە سۇپىسىنىڭ قاتتىق ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك

  چې چىڭ

  مەن بىر تاراتقۇ كەسىپكارى بولىمەن، بۇ يىللاردا بىر قىسىم بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ «ھەر خىل ھەر ياڭزا ياردەم سوراش» ئۇسۇللىرى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى بەردىم، مەسىلەن، «توي كۆينىكى قىزچىقى» ۋە «مىكى چاشقان موماي» دېگەندەك. ئادەتتە ئاخبارات ئارقىلىق ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. لېكىن، ناتونۇش كىشىلەردىن ياردەم سوراش ئەمەلىيەتتە ئاسان ئەمەس. بەزى كىشىلەرنىڭ كېسەل ئەھۋالى تېخىمۇ جىددىي بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، «يېڭىلىق» بولمىسا ۋە دىققەت-ئېتىبارسىز قالسا، ئۇنداق بىمارلار قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىش ناھايىتى تەس بولىدۇ.

  ئاۋامدىن غەملەش بولسا، بىر يېڭى سۆز، لېكىن، يېڭى شەيئى ئەمەس. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر كېسەل ئۈچۈن ئاۋامدىن توردا غەملەشنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ چارە كىشىلەرنى يېڭىچە قۇتقۇزۇش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق، «يېڭىلىق يارىتپ ئىئانە تەلەپ قىلىش»نى بىلمەيدىغان ۋە ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ناچار ئەھۋالمۇ ناھايىتى روشەن، بۇ خىل ئۇسۇل تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارا خەۋەر قىلىشىدا ھازىرلىغان خەۋەرلىرىنىڭ چىنلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا، بۇخىل چارىنىڭ ئىناۋەت كۈچىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تايىنىش كېرەك. بۇ، تاراتقۇلار ئېلان قىلغان ئاخبارات ئوبيېكتىپنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاۋامدىن غەملەش سۇپىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارمۇ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر