مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، سىلەر ھەرگىز «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» تۇزىقىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار

2019.05.21 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر دەل ئىش ئورنىغا ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، مۇشۇ مەزگىللەردە، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بىر قىسىم قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن نۇقتىلىق ھالدا نىشانلىنىدىغان ئوبيېكىت بولۇپ قالىدۇ. ئۇ قىزلار ئىش ئورنىغا ئادەم تەكلىپ قىلغۇچىلارغا گۈزەل كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھۆسن تۈزىمەكچى بولىدۇ-دە، تېز سۈرئەتتە بىرمۇنچە قەرز ئېلىپ «گۈزەللىك ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇپ خۇشال تۇرىۋاتقان چاغدا، ئۇلارنىڭ كۈتۈۋاتقىنى ئويلىمىغان نەتىجە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاتالمىش نۆل رەنە، نۆل كېپىللىك ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك، دېيىلىدىغان «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى»دە، نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قەرز قايتۇرۇش تەلىپىمۇ قاتتىق بولىدىكەن. قەرز پۇل بېرىش ئاپپاراتلىرى ھەمىشە قانۇنسىز داۋالاش-ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ياش ئىستېمالچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىش ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا قىزىقتۇرىدىكەن.

  تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن ياكى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى چەكلىك، ئىجتىمائىي تەجرىبىسى يېتەرسىز، مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭىمۇ ئاجىز بولىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» ھەمىشە نۆل رەنە، نۆل كېپىللىك ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك، دېگەندەك كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قىزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە شەرتلەر بىلەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئىستېمال توزىقى» ھازىرلاپ، ئۇلارنى ئاسانلا «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى»نىڭ مىلتىق ئېغىزىدىكى ئولجىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

  بۇ «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» ئەمەلىيەتتە مەكتەپ قەرزلىرىنىڭ ئۆزگەرگەن بىر تۈرى، ئەمما، بۇ ئادەتتىكى مەكتەپ قەرزىدىنمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» ئاپپاراتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان بەزى ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇنتىزىم بولمىغان ۋە مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىدۇر. ئوقۇغۇچىلار ئۇنداقلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ھۆسن تۈزىگەندىن كېيىن، ئۆزىنى غايەت زور قەرزگە بوغۇپ قويۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

  «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى»نىڭ ئازدۇرۇشىغا قارىتا، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىستېمال قىلىشى، كىشىلىك ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىشى، شۆھرەتپەرەسلىكى بەك كۈچلۈك بولماسلىقى، توغرا بولغان گۈزەللىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭىنى تېخىمۇ كۆپرەك تۇرغۇزۇشى، «ھۆسىن تۈزەش قەرزلىرى»دىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق «ھۆسىن تۈزەش تۇزىقى»غا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەربىيە بېرىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، داۋالاش-ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جازا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش ۋە قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغۇچىلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىماسلىق قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چوقۇم كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، سەھىيە نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، قارا داۋالاش-ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» ۋە «مەكتەپ قەرزلىرى» دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ قەرز پۇللارنى تارقىتىشنىڭ جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  قانۇن ئىدارە قىلىدىغان بىر جەمئىيەت چوقۇم «ھۆسن تۈزەش قەرزلىرى» دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويماي، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پەسلى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەسلى دېگەندەك پەسىللەرنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئازدۇرۇشىدىكى ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. داۋالاش-ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ۋە مەكتەپ قەرزى جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈپتىن تۈزەپ، داۋالاش-ھۆسن تۈزەش ساھەسى ۋە كىرېدىت ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا ھەر خىل «پاتقاق»لارغا دەسسەپ سېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ