شى جىنپىڭ 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2019.05.17 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 16-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قويۇپ، ئېلىمىز مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ