باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاسىيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش __ ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2019.05.17 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، ئاسىيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش __ ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئېقىمغا ماسلىشىپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تىرىشىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك»، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، ئاسىيا قىتئەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ تۇتاشلىقى، يېقىن ئادىمىيەت تارىخىي ئەنئەنىسى بارلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش تارىخ ۋەزىيىتى، ئوخشاش ئارزۇ-ئىستىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، تىنچ، خاتىرجەم ئاسىيا، ئورتاق گۈللەنگەن ئاسىيا، ئېچىۋېتىلگەن يۇغۇرۇلۇشچان ئاسىيا قۇرۇش ئاسىيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  بۈگۈنكى ئاسىيادا تىنچ، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تەرەققىيات، گۈللىنىش بولسا خەلقنىڭ تەلپۈنىشى. ئاسىيا ھازىر دۇنيا ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىغا ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى بار رايونلارنىڭ بىرى بولماقتا. ھەممە بەس-بەستە ئاتلىنىپ رىقابەتلىشىدىغان كۈچلۈك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا رايونىدا يەنىلا بەزى تارىخىي ۋە رېئال زىددىيەت، ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، رايونلارنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى دەل ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىي، باراۋەر سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا ئىلھام بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئار چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر