مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېمەكلىكلەر كۆپ خىللاشقاندا، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ- خەتىرى %20 تۆۋەنلەيدىكەن

2019.05.21 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك − ساغلاملىقنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى، «يېمەكلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش» ئۇقۇمىمۇ بارا-بارا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالماقتا. ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى %20تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشى بىلەن ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى (پۈتۈنلەي ئۆلۈپ كېتىش، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش، ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش، باشقا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلار)نىڭ باغلىنىشلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقات گۇرۇپپىسى 40 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 80 مىڭ ياپونىيە ئاھالىسىنى ئوبيېكت قىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14.9 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش قەغىزىگە ئاساسەن، ھاراقتىن باشقا 133 خىل كۈندىلىك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان ھەمدە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك مىقدارىغا ئاساسەن، ئۇلارنى بەش گۇرۇپپىغا بۆلگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك تۈرى ئەڭ ئاز بولغان گۇرۇپپىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان گۇرۇپپىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممە سەۋەبلىك ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى %19 تۆۋەنلىگەن، ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈش خەۋپ- خەتىرى %34 تۆۋەنلىگەن، باشقا ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى %24 تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەر ئىستېمال قىلىدىغان مېۋىلەرنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولسا، ئاياللار ئىستېمال قىلىدىغان پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولسا، ئۆلۈش خەۋپى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن؛ ئەرلەر قوبۇل قىلغان گۆش تۈرى قانچە كۆپ بولسا، ئۆلۈش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەرنىڭ ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ھايۋانات ئاقسىلى قوبۇل قىلىش بىر قەدەر كۆپ. شۇڭا، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىگە بولغان تەسىرى ئاياللارنىڭكىدەك روشەن بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سىزدە يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيە بىلىملىرى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتە يېمەكلىكنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرسىڭىز، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ