مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

2019.05.17 13:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاقناپ تۇرغان ئاسىيا مەدەنىيىتى-دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى قالتىس رەڭدار سەھىپىنى يېزىپ چىقتى. ئاسىيا خەلقى تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئاسىياغا تەشنا. بىز ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، گۈزەللىك ھەممىگە ئورتاق بولۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى-باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئوچۇق سىستېما. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىملاردا، شى جىنپىڭ چەتئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ رەئىس مۇنبىرىگە چىقىپ، باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلانماقتا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈمىدكە تولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن دۇنياۋى خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، ھەم ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا كۈچىگە ھەم مەدەنىيەت، مەدەنىيلىكنىڭ كۈچىگە موھتاج بولىمىز. ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى-ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ باراۋەر سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز ئارا ئىلھام بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، ئوخشاپ كېتىدىغان تارىخىي شارائىت، ئوخشاش ئارزۇ ئىنتىلىشىغا ئىگە. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئېقىمغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنى تېرىشىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئاسىيا خەلقى تىنچ، خاتىرجەم ئاسىياغا تەشنا، مەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئىناق بىللە تۇرۇپ، دۆلەت چېگرىسى، زامان-ماكان، مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئالاقە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان تىنچلىق دەۋرىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاسىيا خەلقى ئورتاق گۈللەنگەن ئاسىياغا تەشنا. مەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئامما يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق، قالاقلىقنى بىرلىكتە تۈگىتىپ، بالىلىرىمىزغا كىيىنىش-تويۇنۇشتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاسىيا خەلقى ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئاسىياغا تەشنا. مەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش روھى بويىچە، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى باغلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت كۆپ خىل بولغاچقا، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالماشتۇرۇش بولغاچقا، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا، تەرەققىي قىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر، ئوخشىمىغان مىللەتلەر، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئىنسانلاردا پەقەت ئىرق، تىل جەھەتتە پەرق بار، مەدەنىيەتتە پەقەت رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەرگە ئوخشاش پەرق بولىدۇ، لېكىن يۇقىرى-تۆۋەنلىك، ئېسىل-ناچارلىق ئايرىمىسى قەتئىي بولمايدۇ. بىز باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەمەل قىلىپ، تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز مەدەنىيىتىمىز بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ پەرقىنى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشى، ئىناق بىللە تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  2-گۈزەللىك ھەممىگە ئورتاق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. بارلىق گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان تەلپۈنۈشىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. بىز ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ، دۇنيا مەدەنىيىتى باغچىسىدا تۈرلۈك-تۈمەن گۈللەرنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  3-ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش-مەدەنىيەتلەر تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشى-مەجبۇرلاش، زورلاش، بىر تەرەپلىمە، تاق يۆنىلىشلىك بولماستىن، بەلكى تەڭمۇ-تەڭ، باراۋەر، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇشى كېرەك. بىز سىغدۇرۇشچان ئازادە كۆكسى-قارنىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئاسىيادىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا بىرلىكتە ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  4-دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىش بۇلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، زامان-ماكاندىن ھالقىغان، مول، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ۋارسلىق قىلىشنى زۆرۈر تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيانىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش پىلانى ۋە ئاسىيا كىنو-تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى ۋە ھوزۇرلىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىش سەھنىسى ھازىرلاشنى خالايدۇ؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەر قايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللار ئامبارلىرى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تورىنى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشقا شارائىت ھازىرلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋارسلىق قىلىش يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىنتىلىشى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ مول ئوزۇقلۇقى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئوچۇق سېستىما بولۇپ، باشتىن–ئاخرى ھەممىنى قۇبۇل قىلىش داۋامىدا يېڭىلىنىپ كەلگەن. خوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئىزچىل ئەمەل قىلىنغان جاھاندارچىلىق يولى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رۇشەن قىممەت يۆنىلىشى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك روھى خىسلىتى، تەبئىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، تەبئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەۋجۇتلۇق ئىدىيەسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماستىن، ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى، كەلگۈسىدە جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئاسىيا مەدىنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس، سېنگاپور زۇڭتۇڭى خالىمە، سېرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسىنا، ئەرمىنىيە زۇڭلىسى پاشىنياڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازولايلەرمۇ ئېچىلىش موراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا كۆپ مەنبەلىك، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەت بىرلىكتە مول، رەڭدار دۇنيانى ھاسىل قىلغان. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت باراۋەر، ھىچقانداق بىر مەدەنىيەت باشقا مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ھىچقانداق بىر مەدەنىيەت باشقا مەدەنىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا ئەمەس، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنيەتلەر ئارا پەرق، ئۆزگىچىلىك ۋە كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئاتالمىش «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئىنتايىن خاتا، ئۇ مەدەنىيەتلەر ئالاقىسىنىڭ كۆۋرۈكىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ ھەتتا ئۈزۈپ قويىدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېكىنمىچىلىك، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە ئەسەبىيلىك دۇنيادىكى نۇرغۇن زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا رەھمەت. بۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەمدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ سۆزلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور ھەم چوڭقۇر. ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، سۆزلىشىش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنگەن ئاسىيادىن تەڭ بەھرىلىنىشى كېرەك. ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون سىرتىدىكى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىناق دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك.

  چەتئەل رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنياغا قىممەتلىك بايلىق قالدۇرغان ، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىسى. ھەر قايسى دۆلەتلەر «بىر بەلباغ بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەل قەلبىنى باغلاپ، تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئارزۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش موراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئېچىلىش موراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش زالىدا چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ، ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراشتى. ئارقىدىن جۇڭگو ۋە چەتئەل رەھبەرلىرى بىرلىكتە مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو، سېرىلانكا، سېنگاپور، گرېتسىيە، كامبودژا، ئەرمىنىيەنىڭ نادىر مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھوزۇرلاندى ھەمدە ئېچىلىش موراسىمىغا قاتناشقان مۇھىم مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئاسىيا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى»دىن ئىبارەت. ئېچىلىش موراسىمى، شۆبە مۈنبەر، ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى پائالىيىتى، ئاسىيا مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك بويىچە 110 دىن ئارتۇق مەيدان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. جۇڭگو ۋە چەتئەلدىن كەلگەن تەخمىنەن 1200 مېھمان ئېچىلىش موراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ