مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ھەرىكەت قىلىپ تۇرمىغاننىڭ زىيىنى تاماكا چېكىشتىنمۇ چوڭ ئىكەن

2019.05.15 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھەرىكەتنىڭ پايدىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، لېكىن، ھەرىكەت قىلىش كەمچىل بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى كۆپچىلىكنىڭ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا كىلىفلاند شىپاخانىسى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش، دىئابېت ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ زور بولىدىكەن.

  بۇ شىپاخانا 1991- يىلى 1- ئايدىن 2014- يىلى 12- ئايغىچە تەكشۈرۈشكە قوبۇل قىلىنغان 120 مىڭ بىمارغا يۈگۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىش سىنىقى ئېلىپ بارغان، ھەمدە ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، چېنىقىش بىلەن ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، يۈگۈرۈش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلارنىڭكىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان؛ ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولغان كىشىلەرنى ھەرىكەت نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆلۈم خەۋپى ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ خەۋپى ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش، دىئابېت ۋە يۈرەك كېسىلىدىنمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ئالىملار ئاممىغا چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى، چۈنكى، ھەرىكەت ھەتتا ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن پەيدا بولغان يامان تەسىرنى تۈگىتىشكىمۇ پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقات يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى ئەر-ئايال دەپ ئايرىلماستىن، پۈتۈن ياش قاتلىمىغا مۇناسىب كېلىدۇ، چوڭ ياشتىكىلەرمۇ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشتىن ئوخشاشلا نەپكە ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ