مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.05.17 13:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ كۆپ خىل ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە « ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تور ئۇل ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كارخانا ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالغا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش نۆۋەتتىكى كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى : بىرىنچى، تورنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىشنى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، سانائەت ئالاقە تورى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تور ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ يىل ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى %15 تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىياڭگاڭ، ئاۋمىن ئوتتۇرىسىدىكى ئېقىم مىقدارىنىڭ «كەزمە مۇلازىمەت» ھەققىنى %30 تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، تەييارلىق خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يىل ئىچىدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ % 15تىن كۆپرەكىنى ئىخچاملاپ، سانى كۆپ، تاللاش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش ئاساس قىلىنغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش مەبلىغى، خىيىم-خەتەر مەبلىغى قاتارلىق فوندلارنى قوللاش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ ئاقىل، يېشىل، مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. زور پەن تەتقىقات ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»غا مەدەت بېرىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تېزلىتىش، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. گۈزەلنۇر روزى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ