مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2019- يىللىق دۇنيا بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ھەمراھلىق مۇھاكىمە يىغىنى رىمدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى :

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ

2019.05.21 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2019- يىللىق دۇنيا بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ھەمراھلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىنى ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مەركىزى ۋە جۇڭگو ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بەش ئاپپارات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، باش تېمىسى «بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق يېڭىچە دۇنيا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ياردەم بېرىش: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نامراتلىقنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چارىسى ھەمدە ئاچلىق-ئاچارچىلىق يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 200گە يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان زاتلار جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىدى.

  دۇنيا بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ھەمراھلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۈپ، ئۇ ھازىر جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان مېخانىزملاشقان سۇپىسىغا ئايلاندى، ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى بىلىملەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  "نامراتلىقنى تۈگىتىش بولسا، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش نىشانىدۇر."

  "يېقىندا ئېلان قىلىنغان « دۇنيانىڭ 2019- يىللىق ئاشلىق كىرىزىسى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى دۇنيا بويىچە 53 دۆلەت ۋە رايوننىڭ تەخمىنەن 113 مىليون ئادىمى ئېغىر ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان، گەرچە 2017- يىلىدىكى 124 مىليوندىن سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە ئاشلىق كرىزىسىگە دۇچ كەلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى باشتىن-ئاخىر 100 مىليوندىن ئاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە، 42 دۆلەت ۋە رايوندىكى 143 مىليون ئادەمنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچار بولۇشىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغان. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە كادىرى ئەمىر ئابدۇللا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ ھەمدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن، دۇنيانىڭ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولىۋاتىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىنتايىن نامرات نوپۇسنىڭ سانى 12 مىليارد ئازايدى، نامراتلىق نىسبىتىمۇ %10كە چۈشتى. لېكىن، نامراتلىق مەسىلىسى يەنىلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسىلە ۋە زىددىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيدى. دۇنيا نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نامراتلىقنى ئازايتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى داۋاملىق ئاشتى.

  نامراتلىقنى تۈگىتىش بولسا، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش نىشانىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى، ھەمدە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئافرىقا، بولۇپمۇ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونى دۇنيا بويىچە نامراتلىقنى ئازايتىدىغان ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، بۇ رايون دۇنيادىكى %56.16 ئىنتايىن نامرات ئاھالىنى قاپلىغان بىر رايون بولۇپ قالدى، «يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق بېرىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش» بىرلەشمە پىلانىنىڭ دۇنيا بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىسى ئاسۇرا چىيالىنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن نامرات ئاھالە مەۋجۇت، ئۇلار ئاساسلىقى يېزا-كەنت رايونلىرىغا تارقاقلاشقان. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاياللار ۋە بالىلار نامراتلىقنىڭ ئاسانلا تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىز نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلىق ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيا گېڭگېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2012- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە زور ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاستىدىكى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە سانى 2012- يىلىدىكى 98 مىليون 990 مىڭدىن 2018- يىلىدىكى 16 مىليون 600 مىڭغا چۈشۈپ، جەمئىي 82 مىليون 390 مىڭ كىشى ئازايدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2تىن تۆۋەنلەپ %1.7كە چۈشتى.

  نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق يېڭىچە مۇناسىۋىتى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، رايون توقۇنۇشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، دۇنيا نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە تەكرارلىنىشىنى كۈچەيتىۋەتتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتتى. شۇڭا، بىزنىڭ ھازىر دۇنيا نامراتلىقنى ئازايتىش مەسىلىسىنى سىستېمىلىق ۋە ئىلمىي كۆزىتىشىمىزگە جىددىي ئېھتىياجىمىز بار. ئېمىل ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق تۈردە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، يېزا-كەنتلەر بىلەن شەھەرلەر ۋە نامرات مەھەللىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكىلىق پايدا پەرقىنى كىچىكلىتىشىمىز كېرەك. بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بايلىق يارىتىشقا پايدىلىق، يېڭى پائالىيەت ۋە مەھسۇلاتلارنى ھەمدە يېڭىچە مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشكە پايدىلىق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە ئاچلىقنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىقتۇر.

  دۇنيا بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى بىلىملەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيا بانكىسى، ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى، ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مەركىزى ۋە جۇڭگو ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزى 2018- يىلى 5- ئايدا بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا بويىچە نامراتلارنى يۆلەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن نامراتلارنى ئازايتىشتىكى ئەسلىي ئىجاد قىلغان مۇنەۋۋەر دېلو مىساللىرىنى توپلىدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ پائالىيەت دۇنيا بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش دېلوسىدىن 820نى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ يەنە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئالاھىدە توپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دېگەندەك كۆپ خىل كۆپ ساھەگە ۋە دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا، نامراتلارنى ئازايتىشتىكى نۇرغۇن تەجرىبە مىساللىرى تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا سۇنۇلدى.

  خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى دۇنيا بويىچە قاتنىشىش ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشۋانى مۇتۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق ئىنتايىن پايدىلىق سىناق. بۇ قېتىم توپلانغان دېلو مىساللىرى ئوخشاش بولمىغان توپقا چېتىلىدۇ، بىز بۇ دېلو مىساللىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولساق بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ