مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان» نەيرىڭىنى ئېنىق تونۇش لازىم

2019.05.14 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىش − كۆپ ھاللاردا تۇتۇرۇقسىزلارنىڭ قىلىقىدۇر.

  ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەنە جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان ئېشىپ قالغان 325 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشقا ئالاقىدار تەرتىپنى يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا تەرەپ تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى، ھەتتا «چېكىنىش»، «يۈز ئۆرۈش» دېگەندەك بەلگىلەرنى چاپلاپ قويدى، جۇڭگو تەرەپمۇ «نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى». دەل مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆزلەر ۋە بېسىم ئىشلىتىش جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىگە توسالغۇ بولدى. ئاتالمىش «ۋەدىلەر»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇنى-بۇنى دېيىش ئەمەلىيەتتە كۆز بويامچىلىق بولۇپ، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  سۆھبەتنىڭ ئۆزى ئۈزلۈكسىز سۆزلىشىش جەريانىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش جەريانى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنىڭ كۆرۈلۈشى تېخىمۇ نورمال بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا كېلىشىم ئىمزالىمىسىلا، ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تەڭشەش ئىنتايىن نورمال بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ھە دېسىلا «ئۈستەلنى ئۆرۈپ»، ئەكسىچە جۇڭگونى «چېكىندى»، دەپ ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي پاكىتقا قارىماي، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىشتۇر.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ باقايلى: بۇلتۇر 5-ئايدا ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاموژنا بېجى ئالدى، ئارقىدىن تاموژنا بېجىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى چەك قويۇپ بېسىم ئىشلەتتى، يەنە بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، تاموژنا بېجى كالتىكىنى ئېگىز كۆتۈردى، ئامېرىكا تەرەپ تۇتۇرۇقسىزلىق قىلىپ، كۆز بوياپ زومىگەرلىك قىلدى. بىر تەرەپلىمىلىك يولىغا ماڭغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەركىن سودىنى قوغدىغۇچىلىق ئوبرازىنى ئۆز قولى بىلەن يىرتىپ تاشلاپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تۈزۈلمىسىنى دەسسەپ چەيلىدى. مەنبەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا تەرەپ «ۋەدىسىدە تۇرماسلىق» جىنايىتى سادىر قىلدى.

  ئامېرىكا بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەتتە چوقۇم نەتىجە چىقىرىپ كەلدى. ئىشەنچكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتتى. ئامېرىكىنىڭ يولسىز ئەيىبلىشى ۋە تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى يولغا قويۇشى ئالدىدا، جۇڭگو يەنىلا ناھايىتى زور سەۋرچانلىق ۋە ئەڭ زور سەمىمىيىتى بىلەن كېڭەشتى، سەمىمىي، ئىجابىي ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ كېڭىشىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلۇپ، كېڭىشىشنىڭ «ۋاقىتسىز توختاپ قېلىشى»دىن ساقلاندى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقى ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  سەمىمىي بولۇش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش» ۋەدىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، جۇڭگو كېلىشىمگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە بېسىم قىلدى، ئېچىۋېتىلگەن تارماقلار 100 دىن كۆپىيىپ 120 گە يېقىنلىشىپ، خەلقئارا نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ «A+» نومۇرىغا ئېرىشتى؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، جۇڭگو دۇنياغا ۋەدە بەرگەن بىر قاتار ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى، جۈملىدىن ئىمپورتنى كېڭەيتىش، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئۆز قەرەلىدە ئەمەلىيلىشىپ كۈچكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. كېڭىشىش شەك- شۈبھىسىزكى مۇرەككەپ جەريان، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، قايتا-قايتا كېڭىشىش نورمال ئىش، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي، سەۋرچان ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىدۇر.

  ئەگەر سودا زومىگەرلىكى ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىسا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق چوت سوقۇش غەرىزىدىن توختاپ قالغىنى ياخشى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ