مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «ئىقتىدارلىق»

شيې چۈنتاۋ

2019.05.09 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كىرىش سۆز: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «ئىقتىدارلىق»؟ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر قاتار مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغانلىقىدىندۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ئىستىكى، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، دانىشمەنلەرنى تاللاش، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇش مېخانىزمى، قاتتىق ئىنتىزام- قائىدىسى، ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھى، كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى بار. دەل نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق جۇشقۇن پارتىيەگە ئايلاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 98 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 70 يىلدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «ئىقتىدارلىق»؟ بۇ زور تېمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئىلمىي جاۋاب بېرىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇلۇغۋار غايە ئىستىكى بار

  ھەربىر پارتىيەنىڭ ئىنتىلىشى بار، لېكىن ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرنىڭ ئىنتىلىشى ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇن پارتىيەلەر كىچىك گۇرۇھلارغا ئايرىلغان بولۇپ، ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىدۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»، دەپ كۆرسەتتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئارقىدا قېلىپ تاياق يەپ، نامرات ۋە ئاجىز بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىرادىلىك كىشىلەر بوشاشماي ئىزدەندى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇپلا جۇڭخۇا مىللىتىنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 28 يىل قانلىق كۈرەش قىلىپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدى. كېيىن يەنە سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈم ئورنىتىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى، جۇڭگو خەلقى بېيىدى، خەلق تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى، دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارمۇ تېز ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان، ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.

  تارىخ ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغۋار غايە ئىنتىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، مىللەت، خەلق ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقى نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق. مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، خىرىسنىڭ قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقىدىندۇر.

  ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكلىشى

  بىر پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىدىيە-نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە ئىچىدە، ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىغا قانداق قىلىش، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىش كېرەك؛ خەلققە قارىتا، ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ماركسىزمنى يېتەكچى ئىدىيە قىلدى. چۈنكى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «ئومۇميۈزلۈك غەربلەشتۈرۈش» ۋە «جۇڭگو ئىلمىنى ئاساس قىلىش، غەرب ئىلمىنى ئىشلىتىش» قاتارلىق تەشەببۇسلارنىڭ جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىزم يولىدا ماڭغاندىلا، جۇڭگودا ئۈمىد ۋە چىقىش يولى بولىدۇ.

  يولداش ماۋ زېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21-ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىلجىتتى.

  پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئەكسىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كومپارتىيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن گۇمران بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئىدىيە ئۇزاق مۇددەت قاتماللىشىپ قالغان، نەزەرىيە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمىگەن، يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالمايلا قالماستىن، ھەتتا رېئاللىقنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.

  قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش مېخانىزمى بار

  بىر پارتىيەنىڭ ئادەمنى قانداق تاللىشى، قانداق ئادەمنى تاللىشى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئۇنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىقىنى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنىڭ بار- يوقلۇقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈردى ۋە تاللاپ ئۆستۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ پارتىيەنىڭ ئاۋانگارت ئەترەتلىك خاراكتېرىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا قاتتىق تەلەپ قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، پارتىيەمىز ئىنقىلاب مەزگىلىدە ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داغۋازلىق قىلىش، يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇشقا قەتئىي قارشى تۇردى. پارتىيەمىزنىڭ كادىرلار لۇشيەنى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، گۈللەپ روناق تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئىشلىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، ئالاقىدار تۈزۈملەر كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتى.

  يولداش شى جىنپىڭ «ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش»تىن ئىبارەت ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مەنبەدىن تەربىيەلەش، ئىز قوغلاپ يېتىشتۈرۈش، پۈتۈن مۇساپىدە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ساپا يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرۈش، يېقىن ئارىلىقتىن باھالاشتىن ئىبارەت ئادەم تونۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش، كادىرلار بىلەن ئىش مۇۋاپىق كېلىشتىن ئىبارەت تاللاپ ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەنى، خىزمەتنى، ئىستىلنى، ئىنتىزامنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، غەيرەت- شىجائەتكە ئىنتىلىدىغان توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، ياخشى كادىر ئۆلچىمى مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  پارتىيەمىز كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار ئىلمىي ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، بىر يۈرۈش تۈزۈم مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، كادىر بىلەن ئىش ماس كېلىش، پەلەمپەيگە، سىياسىي نەتىجىگە، كۆپ ئىش ئورنىدا چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، كادىرلارنىڭ پارتىيە مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇشىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىدىيە، پىرىنسىپ، تۈزۈملەر كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا بارغانسېرى زور رول ئوينىدى، شۇنداقلا باشقا پارتىيەلەرنىڭ بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئىنتىزام قائىدىسى قاتتىق

  پارتىيە سىياسىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەتتە ھەممىسىنىڭ نىزامنامىسى، ئىنتىزام قائىدىسى بولىدۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئىنتىزام قائىدىسى قاتتىق بولغان پارتىيەلەر دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. پارتىيەمىز ئىنتىزام قائىدىلىرىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، مۇكەممەل ئىنتىزام قائىدىلىرى بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتىزام قائىدىلىرىنىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلالايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىغا خېلى بۇرۇنلا ئەھمىيەت بەرگەن. 1927-يىلى پارتىيە 5-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە مەخسۇس مەسئۇل بولۇش قارار قىلىنغان. يەر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ياچېيكىنى ليەنگىچە قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت»نى تۈزۈپ چىققان. يەنئەن دەۋرىدىن باشلاپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قائىدىلىرى تەدرىجىي موللىشىپ پىشىپ يېتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئىنتىزام قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە يولغا قويدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ئىنتىزامىدا كەڭچىلىك قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش __ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، دەپ تەكىتلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. يېقىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» بېسىپ تارقىتىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى بىر قاتار مۇھىم نىزاملارنى تۈزدى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزدى. پارتىيە ئىچىدىكى بۇ قانۇن-نىزاملار قاتتىق ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ. ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش − پارتىيەمىزنى ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىدە مەسىلە چىقسا قەتئىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ئىچىدىكى تۈرلۈك خاتا خاھىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈزەتكەن، بولۇپمۇ يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق دوگمىچىلىق خاتالىقىنى ئۈزۈل- كېسىل تۈزىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەننى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، پارتىيەمىزنى كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلدۈرگەن. ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز يەنە تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى شەكىللەندۈردى. ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش يەنە پارتىيەمىزنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتالىقىنى قەتئىي تۈزىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيە ئىچىدە كۆرۈلگەن چىرىكلىك مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمىدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. يەر ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پارتىيەمىز پارتىيە ئىچىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەنلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىك ھەققىدىكى ھېكايىلەر ھەممىگە ئايان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چىرىكلىك بىلەن سۇ بىلەن ئوتتەك سىغىشالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆمۈرنى سوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزى قاتتىق بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، قاتتىق قول غەيرەت ۋە ئىستىل بىلەن، «يولۋاس» ۋە «چىۋىن»غا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىرادىسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يەنە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: «ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى»، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەقىبىنى يېڭەلەيدىغان، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارى بار.

  كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولسا __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولسا __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە − ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىدۇر. جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى تولۇق نامايان قىلىندى.

  جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقان پارتىيە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئورتاق كېڭىشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي مۇقىملىق ۋە سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، تەدبىر بەلگىلەنگەندىن كېيىن ناھايىتى كۈچلۈك ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ياخشىلاندى. پارتىيەنىڭ چوڭ-چوڭ خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش تەسىس قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ئەۋزەللىكى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى ھەر قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە بىز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كىرىزىسنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، پارتىيەمىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدۇق.

  (ئاپتور: مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن باشلىقى)، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ