باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەقىل چىشىنى چوقۇم يۇلۇۋېتىش كېرەكمۇ؟

بېيجىڭ جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى دوڭجىمېن دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدىن خەن گوخوڭ، ئەي خوڭئوۋ

2019.05.08 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن كىشىلەر ئەقىل چىشىنىڭ ئازابىنى تارتقان، شۇڭا كىشىلەر ئەقىل چىشى ئۆسۈپ چىقىشىدىن قورقىدۇ. ئەقىل چىشى ئېغىز بوشلۇقى كىلىنىكىدا ئۈچىنچى ئېزىق چىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈپ چىقىدىغان چىش بولۇپ، ئادەتتە ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سول سىممېترىك تۆت تال بولىدۇ، ئاز ساندىكى كىشىلەر تۆت تالدىن ئاز، ھەتتا يوق بولۇپ، ئۆسۈپ چىقىش يېشى 16 ياشتىن 30 ياشقىچە بولىدۇ.

  ئەگەر ئەقىل چىشى نورمال ئۆسۈپ چىقالىسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جاغدىكى ئەقىل چىشى بىلەن نورمال چىشلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتسا ھەمدە چايناش رولىنى ئويناپلا قالماي، باشقا زىيانلارنى پەيدا قىلمىسا، يۇلۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال كىلىنىكىدا بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ.

  ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ھەجمى كىچىكلەپ كەتكەن بولۇپ، ئەقىل چىشىنىڭ دەل ئورنىدا ئۆسۈپ چىقىشىغا يېتەرلىك بوشلۇق بولمىغاچقا، ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىنكى ئورنى ۋە يۆنىلىشى نورمالسىزلىشىپ، بىر قاتار كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. كىلىنىكىدا ئەقىل چىشى تولۇق چىقماسلىق، كەينى تەرەپتىكى چىش مىلىكى بىر قىسىم چىش تاجىسىنى يېپىپ، قارىغۇ خالتا ھاسىل قىلىش كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، خالتا ئىچىدە يېمەكلىك ۋە باكتېرىيە يىغىلىپ قېلىپ، قىسمەن يۇمشاق توقۇلمىلار ئىششىپ، ياللۇغلىنىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈز قىسمى ئىششىپ، ئاغزىنى ئېچىش چەكلىمىگە ئۇچراپ، تاماق يېيىش ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

  ئەقىل چىشىنىڭ چىقىش ئورنى چىش تىزمىسىنىڭ ئەڭ يىراق ئۇچىدا بولۇپ، دائىم چىش چوتكىلاش جايىدا بولماسلىق سەۋەبلىك، باكتېرىيەنىڭ چىرىتىشى بىلەن قارىداپ، چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاغرىپ بىئارام قىلىدۇ. ئەقىل چىشى بىلەن ئالدىدىكى قوشنا چىشنىڭ ئارىسىدا يېمەكلىك توسۇلۇپ قېلىپ، قوشنا چىشنى چىرىتىپ، چىش يىلىكى ياللۇغى، يىلتىز ئۇچى ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىدۇ؛ ئەتراپتىكى چىش ئوقۇرى سۆڭىكىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلۈپ، قوشنا چىشنى بوشىتىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىكى ئەقىل چىشلىرىنى داۋالاش خاراكتېرلىك يۇلۇۋېتىش كېرەك.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھورمون سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىدىكى يوشۇرۇن كېسەللىك ئۆزگىرىشى بۇ مەزگىلدە ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ھەيز مەزگىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆسۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان چىشنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يۇلۇۋېتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەقىل چىشىنىڭ ئازابلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى قەرەللىك ھالدا چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، يوشۇرۇن خەۋپى بار ئەقىل چىشنى بالدۇرراق يۇلۇۋېتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر