باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كۆزنەك مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش «يۈزتۇرانە» بولۇشتىن باشلانسۇن

2019.05.08 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايرىش ئەينىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا، ئايرىم جايلاردا «خىزمەتچىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان، ئىش بېجىرىدىغان ئامما ئىسسىقتا ئازاب چېكىدىغان» ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئايرىش ئەينىكىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇۋاپىقلىقى تور ئەھلىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، جايلاردىن مۇلازىمەت كۆزنىكىنى لايىھەلەش ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئايرىش ئەينىكى ئورناتماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  كۆزنەك مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشتا «يۈزتۇرانە» بولۇشتىن باشلاش كېرەك. ھۆكۈمەت مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ ئايرىش ئەينىكى بانكا پۇكەي ئۆلچىمىنى تەقلىد قىلىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «بىر كۆزنەك شەكىللىك» مۇلازىمەت قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تىپىدىن مۇلازىمەت تىپىغا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئايرىش ئەينىكى «شەكىللىك» بىر تامغا ئايلىنىپ، پۇقرالار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى ئايرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەل قەلبىنى ئايرىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل تەپەككۇر ئاساسىدا، نۇرغۇن جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت كۆزنىكىدىكى ئەينەك تامنى چېقىپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئىش بېجىرگۈچى ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ قولايلىق قىلدى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

  لېكىن، شەكىللىك ئەينەك تامغا سېلىشتۇرغاندا، قەلبتىكى شەكىلسىز ئەينەك تامنى چېقىۋېتىش تېخىمۇ مۇھىم. ئەينەك تامنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مەلۇم دەرىجىدە بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ يېتىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ خىل روھىي ھالەت ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىدىغان «قەلب تېمى» بولۇپ، ئەگەر چېقىۋەتمىگەندە، «ئىشىكتىن كىرىش تەس، چىرايى سەت، گېپى سەت» بولۇش ۋە يەپ-ئىچىش، قىسىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئامما رازى بولمايدۇ، خۇشال بولمايدۇ، ماقۇل بولمايدۇ.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆزنىكى ھۆكۈمەتنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىكى ئەڭ ئالدىنقى سېپى، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالارنىڭ «يۈزتۇرانە» پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئەڭ قويۇق بولغان جاي. ئەينەك تامنى چېقىپ تاشلاش ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ «قەلبداش بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى. لېكىن كۆزنەك مۇلازىمىتىدىكى خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆزنىكىنى دوستانە قىلىش پەقەت بىرىنچى قەدەم. تېخىمۇ مۇھىمى كۆزنەك ئىچىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىۋاتقان ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئىش بېجىرىۋاتقان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى تەكشۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر