باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2019.04.30 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار، جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تۆت مەمۇرىي نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، رويخەتكە ئېلىنغان ئارخىتېكتورلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىي ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رويخەتكە ئېلىنغان ئارخىتېكتورلار نىزامىنىڭ بىر ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 1-دەرىجىلىك رويخەتكە ئېلىنغان ئارخىتېكتور ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قاتلىمىغا قارىتا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بەلگىمە چىقىرىلدى.

  ئىككىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەستىقلاش ھالقىسىنى ئازايتىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ بىر ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش رەسمىيىتىنى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئىش باشلاش دوكلاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بېجىرسە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئورنىنى تاللاش ۋە لايىھىلەشتە تازىلىق ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلمايدۇ ھەم تازىلىقنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  تۆتىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى، خەير-ساخاۋەت قانۇنى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ھەدىيە چىقىمىنى ھېسابقا ئۆتكۈزۈپ، تۇتۇپ قېلىشنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باج ئورگىنىنىڭ ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ تاپشۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر چىقىرىۋېتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر