مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان كارخانا 16 مىڭ 500گە يەتتى

ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولدى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر)

2019.05.08 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كارخانىلار ___ ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنى پەرقلەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن بۇ يىل 1-پەسىلدىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن ئومۇمىي ئىپادىسىگە قاراپ باقايلى.

  مەركەز كارخانىلىرى ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تىجارەت كىرىمى 6 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، 23 مەركەز كارخانىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %20 تىن ئاشتى؛ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 426 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئاشتى.

  پۇقراۋى كارخانىلار «روھ»نى ئۇرغۇتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى خۇسۇسىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 پىرسەنت پوئىنت تېزلەشتى؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى %9.9 ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

  يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ئاشتى. ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى قاتلىما ئېكرانلىق يان تېلېفون، پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا باي ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل، ئەقىل-پاراسىتى ئۆتكۈر سانائەت ماشىنا ئادىمى... باھاردا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان نۇرغۇن كارخانا يېڭى مەھسۇلاتنىڭ «پارتلاش مەزگىلى» نى كۈتۈۋالدى. 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى %16.9 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىدىن 10.6 پىرسەنت پوئېنت كۆپ بولۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېڭىلىق يارىتىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە ئاكتىپ رولى نامايان قىلىندى.

  ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى سۇسلاشمىدى. كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن ئولتۇرغىچە، بىر كۈن ئىچىدە، جۇڭگو زېمىنىدا 16 مىڭ 500 كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ